新闻详情

بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش پونكىتىدىن كاتتا مۇكاپات چىقتى

发表时间:2021-03-26 11:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

3- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاياللار بايرىمى، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى «ئالتە بەخت شادلىقى» نىڭ بازارغا سېلىنىشى ئۈچۈن لاتارىيەچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلانغان كۈن.

شىخەنزە شەھىرىدىكى 65030060 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى يېقىندىلا ئېچىشنى ئىلتىماس قىلغان يېڭى پونكىت بولۇپ، ساتقۇچى جاۋ ئەپەندى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلىنىپ، 3- ئاينىڭ 8- كۈنى ئىش ئورنىغا چىقتى. جاۋ ئەپەندى بۇ كۈن ئۈچۈن بالدۇرلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ، سېتىش ماددىي ئەشيالىرى، جەدۋەل ۋە يېڭى بېلەتلەرنى ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى قىلىپ بولدى.

يېڭىدىن ئېچىلغان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى بىلىدىغان ئادەم كۆپ ئەمەس، جاۋ ئەپەندى بىر تەرەپتىن تازىلىق قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئۈسكۈنىلەرنى رەتلىدى. كونا دوستى جاڭ ئەپەندى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ، «ئالتە بەخت شادلىقى» لاتارىيە بېلىتىدىن بىرنى تاللاپ قىردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە «ئالتە بەخت شادلىقى» تىكى «مۇكاپات نومۇرى» « مېنىڭ نومۇرۇم» دە پەيدا بولدى، بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 100 مىڭ يۈەن ئىدى. جاڭ ئەپەندى بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىپ، دەرھال توختاپ تەپسىلىي سېلىشتۇردى.

جاڭ ئەپەندى يېقىن دوستىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى، بۇ جاۋ ئەپەندىنى تەمتىرىتىپ قويدى، «مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى قانداق سېلىشتۇرۇشنى بىلىمەن، چوڭ مۇكاپات بەك تۇيۇقسىز كەلدى، ئازراقمۇ پىسخىكا تەييارلىقىم يوق ئىدى، ئەمدىلا تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنى چوڭ مۇكاپات چىقتى، بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن»ــ دېدى جاۋ ئەپەندى.

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، جاۋ ئەپەندى يېقىن دوستى جاڭ ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ، شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. جاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى، ئۇ تىجارەت باشلشى بىلەنلا كاتتا مۇكاپات چىقتى، 100 مىڭ يۈەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن دائىم بېرىپ تۇرىمەن.»-دېدى، جاۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مۇشۇ كەچۈرمىشلىرىم مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سېتىلىشىغا بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى! "ئالتە بەخت شادلىقى" ھەقىقەتەن چوڭ خۇشاللىق ھە! چوڭ مۇكاپات چىققاندىن بۇيان، بۇ بىر نەچچە كۈندە مەن بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم»-دېدى.

1.png

分享到: