新闻详情

سانجىدىكى لاتارىيەچى بىر كۈندە ئىككى دانە ئاۋدى ئاپتوموبىلى مۇكاپاتىغا ئېرىشى

发表时间:2021-03-26 16:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


كونىلاردا « 2- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەجدىھا باش كۆتۈرىدۇ» دېگەن گەپ بار. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى «ئەجدىھا باش كۆتۈرگەن» ياخشى كۈنى بولۇپ، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئويغىنىشى، ئامەتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە سىمۋول قىلىنغان، بۇ كۈنى سانجىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ئۇدا ئىككى دانە ئاۋدى ئاپتوموبىلى مۇكاپاتى چىقتى.

سانجى شەھىرى 65238029 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى مال ساتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، لاتارىيەچى شۈ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى «ئالتە بەخت شادلىقى» نىڭ « ئاۋدى A4L» ماركىلىق ئاپتوموبىلنى بىلەن لاتارىيەچىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇش تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرۈپ، ئاۋدى ئاپتوموبىلىنى سوۋغا قىلىدىغان «ئالتە بەخت شادلىقى» لاتارىيە بېلەت تۈرىگە قاتتىق قىزىقىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە دوستىنى چاقىرىپ، بىرلىكتە سىناپ باقماقچى بولغان.

ئاۋدى ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۈ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بېكەتكە كىرىپلا بىرلىكتە «ئالتە بەخت شادلىقى» تىن 21نى سېتىۋېلىپ، 420 يۈەن چىقىم قىلدى. ئالدىراپ ـ تېنەپ قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىچىدە چوڭ مۇكاپاتنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن شۈ ئەپەندى يەنە تارقاق بېلەت ئىچىدىن تۆت پارچە «ئالتە بەخت شادلىقى» نى خالىغانچە ئالدى، ئۇ يەنە پىچىرلاپ:«بىراقلا 500 يۈەنگىچە قىرىپ سىناپ باقايلى»-دېدى، شۈ ئەپەندى بۇ تۆت پارچىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، پەقەت 100 يۈەنلا چىققانلىقىنى بايقىدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاپتوموبىل چوڭ مۇكاپاتىغا بولغان ئىنتىلىش بارغانسېرى كۈچىيىپ، داۋاملىق بەش پارچە لاتارىيە بېلىتى تاللىدى. ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، دادىللىق بىلەن ئىش كۆرگەن شۈ ئەپەندى ناھايىتى خۇشال بولۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر پارچە ئاپتوموبىل بەلگىسىنىڭ چىققانلىقىنى بايقىدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، شۈ ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن قولىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى بىر مەھەل كۆز-كۆز قىلدى.

مېڭىش ئالدىدا، شۈ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«دەرۋەقە ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن ئىكەن، ئاخىرى ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى.»-دېدى، ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۈ ئەپەندى ئاخىرقى ھېسابتا بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۈ ئەپەندى مۇكاپات چىققان كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى شەھىرىدىكى 65452316 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر ئىچىدىن ئاۋدى A4L ماركىلىق ئاپتوموبىلغا ئېرىشكەن خۇش خەۋىرى تارقالدى. نۆۋەتتە، «ئالتە بەخت شادلىقى ئاۋدى ئاپتوموبىل سوۋغا قىلىش» لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى يەنىلا قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، «ئالتە بەخت شادلىقى ئاۋدى ئاپتوموبىل سوۋغا قىلىش» لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە ئاۋدى A4L ماركىلىق 25 ئاپتوموبىل سوۋغا قىلىنىدىكەن، پائالىيەت 3- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلىنىپ بۇ ئويۇننىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىلىپ تۈگىگەندە تاماملىنىدىكەن.

2.png

ئاخىرىدا، تەھرىر يەنە كەڭ لاتارىيەچىلەرگە، ئاۋدى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دوستلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشىنى ئەسكەرتىدۇ! ئەگەر سىز «ئاۋدى A4L» ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسىڭىز، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە ئالدىن مەلۇم قىلىشىڭىز كېرەك (مەلۇم قىلىش تېلېفونى:0991-3075634) ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە بېرىپ تىزىملىتىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى باشلىنىپ تاكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر بولغان 60 كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ مۇكاپات نەقلەشمىسە مۇكاپاتتىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ. (سانجى سۈن شۇرېن)

3.png
分享到: