新闻详情

سانجى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پىدائىيلىرى ھەرىكەتتە

发表时间:2021-03-29 12:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش، زامانىۋى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ». 3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى سانجىنىڭ مەدەنىي شەھەرلەرنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى ئون نەچچە پىدائىينى «مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، مەدەنىي پىدائىي بولۇشقا تىرىشىش» پىدائىيلار كۆپچىلىك پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى ئورتاق قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر نىيەتتە مەدەنىي سانجى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشتى.

4.png

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پىدائىيلار قىزىل جىلىتكە كىيىپ، پەلەي، ئەخلەت خالتىسى، ئامبۇر قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ، سانجى ياشلار شىمالىي يولىدىكى كوچا، دۇكان ھەمدە ئائىلىلىكلەر بىناسى يېنىدىكى كوچىلىرىنى بويلاپ، يەر يۈزىدىكى تاشلاندۇق نەرسىلەرنى تېرىۋالدى، تاماكا قالدۇقىدىن تارتىپ، ئوراپ قاچىلاش خالتىسى، بوتۇلكىغىچە تىرىپ چىقتى. ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، پىدائىيلارنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقىنى قىلچە سۇسلاشمىدى، كۆپچىلىك يەر يۈزىدىكى ھەر بىر تاشلاندۇقنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «مۇھىتنى ئاسراش، ھەممە ئادەم قاتنىشىش، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش» نى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

چۈشتىن كېيىن، پىدائىيلار يەنە گۈرجەك، ئىتتىرىش تاختىسى، سۈپۈرگە بىلەن ياشلار يولى شىمالىي يولىدىكى قارلارنى پاكىز تازىلىدى، كۆپچىلىك گۈرجەك بىلەن سۈپۈرگە، قارلارنى قىرىپ مۇزلارنى تازىلىدى، قىپقىزىل جىلىتكە بۇ ئاق رەڭلىك دۇنيادا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى، ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، بىر سائەتتىن كۆپرەك تازىلاش ئارقىلىق، يول پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى.

5.png

«ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى بار، مۇھىتنى ئاسراش، ئۆزىمىزنى قوغداش، ياخشى مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ياخشى مۇھىت توپىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، پۈتۈن جەمئىيەت، پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.»-دېدى بىر پىدائىي.

«شەھەر ئاھالىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پاكىز، رەتلىك تۇرمۇش مۇھىتىنى ئاڭلىق قوغداش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىز مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشنى ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل سانجى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىق قىلىمىز!»-سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلار كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلارغا مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: كۆپچىلىكنىڭ سانجىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىنى چۈشىنىپ، مۇھىت تازىلىقى كەسپىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى ئاڭلىق شەكىللەندۈرۈپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مەدەنىي گەپ قىلىپ، مەدەنىي ئىش قىلىپ، مەدەنىي ئادەم بولۇپ، سانجىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك شەھەرنىڭ تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك، تېخىمۇ ئىللىق، يېقىشلىق، تېخىمۇ مەدەنىي، ئىناق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

(سانجى فېڭرۇي)

6.png

分享到: