新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-29 18:24作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ كونا مەستانىسى بولۇپ، كۆپ يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش تۇرمۇشىدا، مەيلى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىق ياكى خىزمەت ئالدىراش بولسۇن، ئۇ دائىم ۋاقىت چىقىرىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ نەچچە دو نومۇر تاللاپ، تەلىيىنى سىناپ باقاتتى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تۇرمۇشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇشاللىققا ئايلانغان.

3-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى ئۆزى دائىم بارىدىغان 65280139 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. ئىشىكتىن كىرىپلا، «شادىمان 8» ئويۇنى يۆنىلىش خەرىتىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆزىتىشكە باشلىدى، شۇ كۈنى سېتىش توختاشتىن بەش مىنۇت بۇرۇن، ئۇ ئاخىر ئىلھامغا كېلىپ، ئالدىراپ-تېنەپ ساتقۇچىغا:«بەشنى تاللاش ئۇسۇلى! دەن 4 چۈەن تو ! دەنما 05، 19، 58، 62!»-دېدى، شۇ كۈنى كەچتە، جاڭ ئەپەندى تاماقتىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ مۇكاپات ئەھۋالىنى كۆردى، مال ساتقۇچى خادىم ئۇنى كۆرۈپلا:« لاۋجاڭ! سىزگە مۇكاپات چىقىپتۇ، 17260 يۈەن! مۇبارەك بولسۇن! » -دېدى، «نېمە دېگەن قالتىس! » ـــ «شۇنداق! ئەتە مەنمۇ دەنتونى سىناپ باقاي!»-دېدى دۇكان ئىچىدىكى لاتارىيەچىلەر جاڭ ئەپەندىنى ماختىشىپ.

جاڭ ئەپەندى كۆپچىلىكنىڭ ھەۋەس نەزەرىدە تەمكىنلىك بىلەن: « ئارزۇ بولىدىكەن ئۇنى قوغلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بەزىدە قەتئىي داۋاملاشتۇرسا مۆجىزە ياراتقىلى بولىدۇ! لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزى بىر ئۈمىد سېتىۋېلىش، يەنە جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

7.png

分享到: