新闻详情

خېجىڭدىكى يىگىت ھاياتىدىكى تۇنجى ئامراق ئاپتوموبىلىنى خۇشال كۈتۈۋالدى

发表时间:2021-03-30 17:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

باھار مەنزىرىسى ھەممە يەرنى قاپلىدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا «ئالتە بەخت شادلىقى» بازارغا سېلىنىپ سېتىلغاندىن بۇيان، لاتارىيەچىلەر ئارىسىدا «ئالتە بەخت شادلىقى، ئاۋدى ئاپتوموبىل شادلىقى» قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، لاتارىيەچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش لاتارىيە تۈرىدە بىرىنچى» گە بىراقلا چىقىپ، لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

يېقىندا، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى بەختى «مەقسەتسىز كۆچەت تىكىپ» تۇيۇقسىز تەلەي بىلەن ئاۋدى 4 ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى تىلغا ئالغاندا، بەختى «تاسادىپىيلىق، ئويلاپ باقمىغان» دەپ توۋلايدۇ. 3 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، بەختى ئىنىسىغا ھەمراھ بولۇپ تېرمان رايونى ئەتراپىغا ئىش بېجىرگىلى كەلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار ئىزدەپ بارغان يەر تاقالغان بولغاچقا ئىشنى بىجىرەلمىدى. ئىككىيلەن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى، ۋە يول بويىدىكى ماگىزىنغا كىرىپ ئىككى بوتۇلكا ئىچىملىك تاللىماقچى بولۇپ ماڭدى، ئەمما دۇكاننىڭ يېنىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر چەتتە تۇرغان 65280241 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قىزىقىشى بەختىيارنى كىشىلەر ئارىسىغا جەم قىلىپ ئىزدىنىشكە ئۈندىدى. ئەسلىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «ئالتە بەخت شادلىقى» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋاتقان بولۇپ، بەختى «ئالتە بەخت شادلىقى» توغرىسىدىكى تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇمۇ سىناپ باقماقچى بولدى.

«ئەينى چاغدا ئاشۇ لاتارىيەچىلەرنىڭ بەك كۈچەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن تۆت پارچە ئېلىپ كەلدىم، ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى پارچىسىدا ئاپتوموبىل مۇكاپاتى چىقىپ كەتتى ، مەن شۇ چاغدا ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتىم، خاتا كۆرۈپ بىر مەيدان قۇرۇق شادلىققا چۆمىشىمدىن ئەنسىرەپ ، دەرھال يەنە لاتارىيە بېلىتى چىقىرىپ، نەچچە قېتىم قايتا ـ قايتا توغرا تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندىم. ـــ »دېدى بەختى، ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەر:« ـــ تەلىيىڭ بەك ياخشى ئىكەن! ماشىنا بار بولدى، يەنە بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسىڭىز بەلكىم ئۆيمۇ بار بولۇشى مۇمكىن.»-دېدى، بەختى مۇنداق دېدى: « مەن لاتارىيەچىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر نەچچىنى قىردىم، يەنىلا ئامەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىم لېكىن ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىدى.»-دېدى.

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، بەختى مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتىپ بەردى، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى، سىڭلىسى ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر مودېل ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلىشى مۇمكىن دېدى. « مەن ئالاقىدار تەشۋىقات ئېلانلىرىنى تېپىپ كېلىپ ئۆيدىكىلەرگە بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاندىن ماڭا ئىشەندى.»-دېدى ئۇ.

_« مېنىڭ پىراۋام بار،» _ دېدى بەختى، _ «ئۆيدىكىلەر ئاۋدى ماركىلىق ماشىنىنى مېنىڭ ھەيدىشىمگە قوشۇلدى. بۇ مېنىڭ تۇنجى ئېسىل ماشىنام، بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، مەن ياخشى ئىشلەپ، ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

9.png

分享到: