新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 345200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-31 12:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«شادلىق 8» ئويۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، بىر مەيدان «لاتارىيە بورىنى» رەسمىي باشلاندى! «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ، مۇكاپات نومۇرى ئارتۇق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، ئەمدىلا «يولغا چىققان» لارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. ئەلۋەتتە! «شادلىق 8» مۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، كىچىك مۇكاپات يەر-جاھاننى قاپلىدى، چوڭ مۇكاپات ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قوزغىدى! لاتارىيەچىلەرمۇ ھەر خىل ئويناش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز سىناپ باقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى «دەن 4 چۈەن تو» نىڭ ئىچىدىن «ئۈزۈپ چىقتى» ، بىر مەھەل ھەممەيلەن ياقتۇرىدىغان «مودا» ئويناش ئۇسۇلى بولدى.

چېن ئەپەندى بىر نوپۇزلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە ھەۋەسكارى بولۇپ، دائىم ئۈرۈمچى شەھىرى 65010521 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ، تاماقتىن كېيىن بېكەتكە كىرىپ تۈرلۈك پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنلىرىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. « شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن، چېن ئەپەندى ئۇنىڭغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن، بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، چېن ئەپەندى تېخىمۇ ئاكتىپ سىناق قىلىپ، «بىرنى تاللاش» تىن «ئوننى تاللاش» قىچە بىر قېتىم سىناپ كۆرگەن، ئاخىرىدا ئۇ «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلىنى« ئاساسىي كۈچ» قىلىپ تاللىغان، بولۇپمۇ «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللانغان. چېن ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بۇ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنىڭ بەلگىلىك ئەۋزەللىكى بار، پەقەت تۆت نومۇرنى تاللىسىلا بولىدۇ، بۇ لاتارىيەچىلەرنىڭ نومۇر تاللاش مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ، تاللىغان نومۇر مۇكاپات بېرىلىدىغان 20 نومۇرنىڭ ئىچىدە بولسىلا مۇكاپات چىقىدۇ!»-چېن ئەپەندى بىر نەچچە كۈن سىناپ باققاندىن كېيىن، خېلى كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتى.

3- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتە، چېن ئەپەندى ۋاقىت چىقىرىپ 65010521 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، «شادلىق 8» ئويۇننىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى بىر قېتىم تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، « 03، 01، 51، 32» دىن ئىبارەت تۆت نومۇرنى دەنما، قالغان نومۇرنى توما قىلدى ھەمدە مەردانىلىك بىلەن 20 ھەسسە دو تىكتى. كەچتە چېن ئەپەندى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، مال ساتقۇچى ئەۋەتكەن «شادلىق 8» نىڭ مۇكاپات نومۇرى بىلەن سېلىشتۇردى. ئۇ جەمئىي 345200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئەتىسى سەھەردە، چېن ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى، ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىلى تۆت، بەش يىل بولدى، ئاز بولمىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ باققان ئىدىم، لېكىن بۇ قېتىم 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپات چىقتى، يەنىلا ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، تەلىيىمنىڭ ئىزچىل ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! »-دېدى.

(ئۈرۈمچى شەھىرى جۇ گورۈي)

1.png

分享到: