新闻详情

ئۇلار بۇ قۇملۇق دېڭىزىدىكى ئەڭ گۈزەل ئوغلانلار!

发表时间:2021-03-31 18:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش يەلكىنىنى چىقارغىنىمىزدا، بىز دەل بۇ قۇم دېڭىزىدىكى ئەڭ گۈزەل ئوغلانلار!»

___ خوتەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلارنىڭ كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2.png

تىيەنشەننىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا مۇنداق بىر شەھەر بار، ئۇنىڭ داچاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك كىلىماتى يوق، شىمالنىڭ بىپايان يايلاقلىرىمۇ يوق، ئۇ پەقەت بىپايان قۇم دېڭىزىدىنلا ئىبارەت، ھەر يىلى باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىدىغان 3-ئايغا كەلگەندە، بۇ يەر خۇددى ۋاقىت بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك، ئاستا-ئاستا 3-ئايدا ئاسماننى سېرىق قۇم قاپلايدۇ. بۇ شەھەر دەل بىز ياشاۋاتقان جاي شىنجاڭ خوتەن.

گەرچە شىنجاڭ خوتەندە 3-ئايدا ھەممە يەرنى سېرىق قۇم قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپراقنى ساقلاپ قېلىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بار، ئۇلار بۇ نەچچە مىڭ يىللىق سېرىق قۇمنى بىر-بىرلەپ سۇغىرىپ، يېشىللىققا پۈركەپ كەلدى.

3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىمىزنىڭ 43-قېتىملىق كۆچەت تىكىش بايرىمى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئورمان قانۇنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۇنجى كۆچەت تىكىش بايرىمى. بۇ ئالاھىدە كۈندە، خوتەن پاراۋانلىق لاتارىيەچىلىرى ئاسماننى قاپلىغان قۇم ـ بورانغا ئەگىشىپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىناق يېڭى كەنتى كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ كۆچەت تىكتى.

كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كەلگەندە، ئالدىن ئىش تەقسىماتى بويىچە پاراۋانلىق لاتارىيەچىلىرى كۆچەت تىكىش ئەمگىكىگە ناھايىتى تېزلا كىرىشىپ كەتتى، بەزىلىرى كۆچەت ئالدى، بەزىلىرى گۈرجەك بىلەن ئورەك كولىدى، بەزىلىرى قوزۇق قېقىشقا باشلىدى. ھەربىر ھالقا تەرتىپلىك جىپسىلىشىپ، زىچ ماسلاشتى، نەق مەيدان قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى، بىر كۈن تىرىشىش ئارقىلىق، قاتار ـ قاتار كۆچەتلەر گىرەلىشىپ، مەردانە قەد كۆتۈردى.

بۇ قېتىمقى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە ئالتە پىدائىي قاتناشقان بولسىمۇ، ئۇلار 210 تۈپ كۆچەت تىكتى. پىدائىيلار پائالىيىتى ئارقىلىق، پاراۋانلىق لاتارىيەچىلىرىنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداش پەزىلىتى تاۋلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش روھى ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىكنىڭ كۆچەت تىكىپ يېشىللىقنى قوغداش، يۇرت ـ ماكانىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچەيتىلدى.

بۇ قېتىمقى ئاممىۋى پاراۋانلىق پىدائىيلار پائالىيىتى ئارقىلىق خوتەن پاراۋانلىق لاتارىيەچىلىرى بەس ـ بەستە مۇنىلارنى بىلدۈردى:«بۇنىڭدىن كېيىن يېشىل، مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېشىللىقنى سۆيۈش، يېشىللىقنى قوغداش، يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئورماننى قوغدايدىغان كېمە يەلكەنلىرىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرىمىز، ئۇلار بۇ قۇملۇق دېڭىزىدىكى ئەڭ گۈزەل ئوغلانلار!».

(خوتەن لىخۇيجې)

分享到: