新闻详情

ئامەتلىك جاڭ ئەپەندى « شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 90000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-01 11:41作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى « شادلىق 8» ئۇيۇنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ لاتارىيە شەھىرىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى، شۇنداقلا كەڭ لاتارىيە دوستلىرىغا ئامەت ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل قوشۇلدى. 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2021032 ـ سان، ئۈرۈمچى شەھىرى 65010537 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى بىر لاتارىيەچى 30 دو «ئالتىدىن ئالتىنى تاللاش» ئۇيۇنىدا 90 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى جاڭ ئەپەندى ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. ئىگىلىنىشىچە، خۇاڭ ئەپەندى «80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچراشقىلى ئۇزۇن يىل بولغان، « شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنىشتىن باشلاپلا تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. باشقا ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇ شادلىق 8 دېگەن بۇ ئويۇندا گەرچە زاپاس نومۇر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما نومۇر تاللاش ئەكسىچە تېخىمۇ ئاددىي دەپ قارىغان. بىر ئايدىن كۆپرەك تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، جاڭ ئەپەندى كۆپ خىل ئويناش ئۇسۇلىنى سىناپ باقتى، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئەڭ ياقىدىغىنى يەنىلا « ئالتىنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى ئىدى. ـــ « ئالتىنى تاللاش» ياخشى! توغرا!   بۇ مىنىڭ « شادلىق 8» نىڭ مۇكاپات چىقىش يولىدا راۋان مېڭىۋاتىمەن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ! »ــ دېدى جاڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ. 1-فېۋرال، جاڭ ئەپەندى 65010537 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ساتقۇچىغا بىر پارچە قەغەز بەردى، قەغەزدە بىر تال « ئالتىنى تاللاش» شەكلىدىكى يەككە نومۇر بار ئىدى. ـــ«بۇ نومۇر مەن تۈنۈگۈن بىر ئاخشام تەتقىق قىلغان نەتىجە، مەن چوقۇم مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم!»ــ دېدى ئۇ كۆرەڭلىگەن ھالدا. شۇنداق قىلىپ، جاڭ ئەپەندى ئۆزى تاللىغان « 03، 06، 01، 71، 91، 63» دېگەن نۇمۇرغا 30 ھەسسىلىك دو تىكىش ئېلىپ باردى ھەمدە 90 مىڭ يۈەن   مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « "شادلىق 8" ھەقىقەتەن مېنى خۇشال قىلدى، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ، تاللاشچانلىقى كۈچلۈك، كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدۇ. مەن ئەتراپىمدىكىلەرگە بۇ ئويۇننى تەۋسىيە قىلىمەن.»-دېدى.

3.png

分享到: