新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچىلەر ئاۋدى A4L ئاپتوموبىلى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-01 17:41作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى « ئالتە بەخت شادلىقى» 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتى ۋە بازىرى ئىتتىك ئاۋدى A4L ئاپتوموبىلى مۇكاپاتى لاتارىيەچى دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. « ئالتە بەخت شادلىقى» ئۇدا چوڭ مۇكاپات بىلەن كەڭ لاتارىيەچى دوستلارغا جاۋاپ قايتۇردى، مانا 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرى 65429301 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بىلەن تولى ناھىيەسى 65420141 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن بىر كۈن ئىچىدە ئۇدا ئىككى ئاۋدى A4L ئاپتوموبىلى مۇكاپاتى چىقتى.

ئىگىلىنىشىچە، ساۋەن شەھىرىدىكى ئاۋدى ئاپتوموبىلى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياڭ ئەپەندى كەم ـ كۈتىسىز بىر پاراۋانلىق لاتارىيەچى ئىكەن! ھەر قېتىم «قىرىپ كۆڭۈل خۇشاللىققا ئېرىشىش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغاندا، ئۇ بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقاتتى. 3-ئاينىڭ 16- كۈنى، ياڭ ئەپەندى بىكار بولۇپ، بىنانىڭ ئاستىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە سېتىۋالدى، « شىياۋما! ئاڭلىسام يېڭى "قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش" لاتارىيە بېلەت تۈرى بازارغا سېلىنىپتۇ؟»-ئىشىك ئالدىدىن ياڭ ئەپەندىنىڭ خۇشخۇي ئاۋازى ئاڭلاندى، مال ساتقۇچى: ـــ«شۇنداق، ياڭ ئاكا سىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ! بۇ "ئالتە بەخت   شادلىقى" مۇكاپات سوممىسى بىر مىليون يۈەن! يەنە ئاۋدى ماشىنا مۇكاپاتى بار، تەلىيڭىزنى سىناپ بېقىڭ.»-دېدى، ياڭ ئەپەندى دەرھال بىر بو سېتىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى، قىرىپ 8- پارچىسىغا كەلگەندە، «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئىككىنچى قۇرىدا بىر ماشىنىنىڭ بەلگىسى پەيدا بولدى، ياڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا: «شىياۋما ، شىياۋما! قاراڭ، ماڭا ماشىنا مۇكاپاتى چىقتىمۇ قانداق! بۇنىڭ ئۈستىدە ماشىنا بەلگىسى بار ئىكەن. »ـــ دېدى، مال ساتقۇچى دەرھال كېلىپ سېلىشتۇرۇپ،« ـــ مۇبارەك بولسۇن! ياڭ ئاكا! ئاۋدى A4L ئاپتوموبىلىدىن بىرىسى چىقىپتۇ!»-دېدى، ياڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: « ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىمەن! مەن قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇيۇنىنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئاددىي تۇرمۇشقا خۇشاللىق ئاتا قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق چوڭ مۇكاپاتنىڭ چىقىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق سېتىۋالىمەن! كېلەر قېتىم بىر مىليون يۈەنلىك باش مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. »-دېدى.

ساۋەن شەھىرىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تولى ناھىيەسىدىكى ئاۋدى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لاتارىيەچى كەم ـ كۈتىسىز « مېڭ شىن» بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شياۋ جاۋنىڭ ئويناش ئۇسۇلى مۇرەككەپ بولغان ھەر خىل لاتارىيە بېلىتىگە بولغان قىزغىنلىقى ئادەتتىكىچە ئىدى، لېكىن ئۇ «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» نى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، شۇ كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شياۋ جاۋ مۇكاپات چىققان پونكىتى ئالدىدىكى ئالتە بەخت شادلىقى كاتتا پائالىيەت تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە قىزىقىش پەيدا بولۇپ، تەلىينى سىناپ باقماقچى بولدى. ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ مۇنداق دېدى: « ئىشىك ئالدىدىكى تەشۋىقات ۋارىقىدىكى قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىدىن يەنە بارمۇ؟ ماڭا بىرنى بېرىڭ.»-دېدى، مال ساتقۇچى كۆرگەزمە ئىشكاپىدىن لاتارىيە بېلىتىنى ئالغاچ: « بۇلارنىڭ ھەممىسى يىڭى لاتارىيە بېلىتى، سىز خالىغان بىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ» دېدى. شياۋجاۋ تاللاپ بولغاندىن كېيىن قىرىشقا باشلىدى، قىرىپ 6-پارچىسىغا كەلگەندە ماشىنا بەلگىسى پەيدا بولدى، « تەڭرىم! »ــ دېدى شياۋ جاۋ چۆچۈپ، ـــ« ماڭا ماشىنا مۇكاپاتى چىقتى! ماشىنا چىقتى!»-شياۋ جاۋ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى. شياۋ جاۋ كۈلۈپ تۇرۇپ: « مەن ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە، ئۆيدىكىلەر ئۆي تەييارلاپ بەردى، ئەمدى ماشىنىمۇ بار بولدى! بىر خوتۇن كەم ، مېنىڭ بۇ يىل بويتاقلىقتىن قۇتۇلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيىسى ماڭا سوۋغا قىلغان سوۋغاتقا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!»-دېدى.

نۆۋەتتە، «ئالتە بەخت شادلىقى، ئاۋدى ماشىنا مۇكاپاتى خۇشاللىقى» تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدا قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، بەلكىم كىلەركى بىر مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات ۋە ئاۋدى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەلەيلىك لاتارىيەچى دەل سىز بۇلىشىڭىز مۇمكىن! تېز پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

5.png

分享到: