新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 21598 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-02 11:57作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ـــ «مۇكاپات چىقتى، ئۇنداق ئەمەستۇ! راستما؟»، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى 65230262 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى يەتتە نۇمۇر شادلىقى ئويۇنىنىڭ 2021029-قاراردا 1 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 21598 يۈەن بولدى. ئىككىنچى كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقنى ئېلىپ كەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى، شۇنداقلا 65230262 لاتارىيە پونكىتىنىڭ «دائىملىق مېھمىنى» ئىكەن، 10 يىل ئىلگىرىلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىشقا باشلىغان ۋاڭ ئەپەندى، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن قوش رەڭلىك توپ بولۇپ، ھەر قارارنىڭ ھەممىسىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن. ئۆتكەن يىلى، ۋاڭ ئەپەندى بىر قېتىم قوش رەڭلىك توپ تۈرىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، يەتتە نۇمۇر شادلىقى ئويۇنىدا، ئۇ خۇشال ۋاقىتلاردا بىر نەچچە پارچە سېتۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقىدىكەن. ۋاڭ ئەپەندى كومپيۇتېردا تاللاشقا ئادەتلەنگەن، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: « مۇكاپات چىقىش-چىقماسلىق، توققۇز ئۈلۈش تەلەيگە تايىنىمىز، بىر ئۈلۈش تېخنىكىغا تايىنىمىز، ئالدى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللايمىز، مۇكاپات چىقىش-چىقماسلىقتا تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە قاراش كېرەك. لاتارىيە پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىر خىل تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى بوش ۋاقىتلاردا پات-پات لاتارىيە سېتىۋېلىپ تۇرۇش ، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامەت قۇشى بىزنىڭ بېشىمىزغا كىلىپ قۇنىشى مۇمكىن»-دېدى.

نومۇر تاللاشنىڭ قانداق سىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: « لاتارىيەدە نەدىمۇ قانداق سىر بولسۇن! ئۇ كۈنى مەن ئۈندىدار توپىدىن بىر پارچە يەتتە نۇمۇر شادلىقى ئۇيۇنىنىڭ ھەرىكەتلىك رەسىمىنى كۆرۈپ قالدىم، رەسىمدىكى نۇمۇر ئۆزگىرتىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ، ئىكراننى رەسىمگە تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نومۇر تاللىغىلى بولىدۇ، مەن سىناپ باقتىم، بەش دو نومۇرىنى تاللاپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مەن ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم!»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«لاتارىيە سېتىۋېلىش يولىدا ھەمىشە نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلار ئادەمنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ... مەن ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! ئامەت كەلسە توسقىلى بولمايدۇ، ئامەت ماڭا ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

6.png

分享到: