新闻详情

فۇكاڭ شەھىرىدىكى بەش نەپەر لاتارىيەچى بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى

发表时间:2021-04-02 18:20作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كونىلاردا:«كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ بار.» ، «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، بەش خىل ئويناش ئۇسۇلى «دەن 4 چۈەن تو» دىن ئىبارەت بۇ خىل ئويناش ئۇسۇلى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملىشىپ، «توردا ئالقىشلانغان» ئويناش ئۇسۇلى بولدى، ۋە شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىدا ئاستا ـ ئاستا مودا بولۇشقا باشلىدى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر بىرلىشىپ «دەن 4 چۈەن تو» بويىچە دو تىكىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشتى.

3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى 65230156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپات چىققانلىق خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى بەش كىشىلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 17260 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. ئەتىسى بەش نەپەر لاتارىيەچى بىرلىكتە سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بىجۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، بەش نەپەر لاتارىيەچىنىڭ ئادەتتە مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئورتاق قىزىقىشى بار ئىكەن، ھەممىسى لاتارىيەنىڭ «مەستانىسى» ئىكەن. يېقىندا، ئۇلار سانجى لاتارىيە بازىرىدا «شادلىق 8» ناملىق ئويۇندا «دەن 4 چۈەن تو» قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىدى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش كىشى كېلىشىۋالغاندەكلا «بىرلىشىپ سېتىۋېلىش» غا ئۇزۇن مۇددەت نومۇر ساقلاش ئويى پەيدا بولدى.

3 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بەشەيلەن ئىشتىن چۈشۈپ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 65230156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، شياۋما مۇنداق تەكلىپ بەردى:«بولمىسا بىز بۈگۈنلا دادىللىق بىلەن بىر قېتىم "دەن 4 چۈەن تو" نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزەيلى، ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشسەك تەڭ بۈلۈشەيلى.»-دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۆنىلىش خەرىتىسىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرىدا دەنما 27، 38، 53، 63 قىلىپ بېكىتكەن، قالغان نومۇرلارنىڭ ھەممىسىنى چۈەنما قىلىپ بىكىتكەن، بۇ نومۇر ئارقىلىق نومۇرنى ساقلاشقا باشلىغان. دەرۋەقە، بەشىنچى كۈنى ئامەت يېتىپ كەلگەن، ئۇلار 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات ئالغاندا، شىياۋما ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى دائىم باشقىلارنىڭ تەلىيىگە ھەۋەس قىلاتتىم، ئەمما ئۆزۈم سىناپ باقمىغان، بۈگۈن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشىمىز بىزنىڭ بەرداشلىق بېرىشىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال بولدى، گەرچە ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلگەن مۇكاپات ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ تەمى كۆپچىلىكنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدۇردى!»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)

7.png

分享到: