新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى جۇ ئەپەندى 15000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-06 12:29作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

10 يۈەن دو تىكىپ 15000 يۈەن مۇكاپات چىقتى؟ بەك قالتىس! 3- ئاينىڭ 15- كۈنى، ۋۇجياچۈ شەھىرى 65452305 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە «مەستانىسى» جۇ ئەپەندى مانا مۇشۇنداق قالتىس ئىشتىكى باش رول، ئۇ سېتىۋالغان بىر دو «شادلىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىدە بەختكە يارىشا 15 مىڭ يۈەن   مۇكاپات چىققان.

«شاالىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، جۇ ئەپەندى دوستلار چەمبىرىكىدىكى باشقا لاتارىيەچى دوستلار تارقاتقان «شادلىق 8» ئويۇن ئۇچۇرىنى دائىم كۆرۈپ تۇردى، مەيلى دوۋيىن ياكى كۈيشوۋ بولسۇن، ھەممىسىدە «شادلىق 8» نىڭ سىيماسى بار، بۇلارنى كۈرۈپ ئۇنىڭ ناھايىتى سىناپ باققۇسى كەلدى. 3- ئاينىڭ 15- كۈنى، جوۋ ئەپەندى 65452305 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، «شادلىق 8» ئۇيۇنىنى ئوينىماقچى بولدى، ئۇ بىردەم يۆنىلىش خەرىتىسى ۋە ئۈستەل يېنىدىكى ئويۇن تونۇشتۇرۇشىنى كۆرۈپ، يەنە قەغەزگە بىر ھازا رەسىم سىزدى، ئەڭ ئاخىرىدا نەزىرىنى ئالتە خىل ئويناش ئۇسۇلىغا تىكتى، سىناپ بېقىشقا بولغان قىزىقىشى بىلەن تاللاپ چىقىلغان بىر دو « ئالتە خىل تاللاش» ئۇسۇلى يەككە ئويناش نومۇرىغا بەش ھەسسە دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تورى ئارقىلىق مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈرۈپ، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىگە 15000 يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى بايقىدى، بۇ ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بولدى! مۇكاپات ئالغاندا، جۇ ئەپەندى ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بەك قالتىس بولدى، مەن تۇنجى قېتىم <شادلىق 8> نى ئوينىشىم، ئويلىمىغان يەردىن 15000 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بولدى!»-دېدى.

(سانجى يەنخۇڭتاۋ)

8.png

分享到: