新闻详情

لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيتى قانات يايدۇرۇلدى

发表时间:2021-04-06 18:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيىسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش روھى. پىدائىيلارنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىش» پائالىيتىنى قانات يايدۇردى

شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى كەڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ پىدائىيلىرى يېكەنكۆل جەنۇبىي يولى غەربىي مەھەللىسىگە كېلىپ، «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش روھى. پىدائىيلارنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىش» پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ پائالىيەتكە شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى، جەنۇبىي يېكەنكۆل يولى غەربىي مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار ئورتاق قاتناشتى. پىدائىيلار مۇلازىمىتى ھەرىكىتىگە قاتناشقان خادىملار بالدۇرلا چېلەك ۋە دەسمالنى تەييارلاپ، جەنۇبىي يېكەنكۆل يولى كوچىسىغا كەلدى، ئۇلار پىدائىيلارنىڭ جىلىتكىسىنى كىيىپ، نەچچە يولغا ۋە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، جەنۇبىي يېكەنكۆل يولى غەربىي 1 ـ كوچىسى ۋە 2 ـ كوچىسى، خۇاشياڭ 5 ـ كوچىسى، جەنۇبىي ئەمىن ئۆي يولى غول يولىغا كېلىپ، يول بويىدىكى تاماكا قالدۇقى، ئەخلەتلەرنى تېرىپ، كوچا بويىدىكى رېشاتكىلارنى سۈرتۈپ، يىڭى شەھەر مۇھىتى ھاسىل قىلدى. بىردەمدىلا، بىر چېلەك سۈزۈك سۇ قاپقارا بولۇپ كەتتى بىراق چاڭ ـ توزان بىلەن قاپلانغان رېشاتكا ۋە يڭى شەھەر بەرپا قىلىش تىمى كۆزنى قاماشتۇردى، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يۇيۇش، تازىلاش ئارقىلىق، كوچىلارنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى.

ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى، جەنۇبىي يېكەنكۆل غەربىي مەھەللىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىرلىكتە ئەتراپتىكى تىجارەتچىلەرگە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مۇھىت ئاسراش خالتىسى، قەغەز ئىستاكان، قولياغلىق قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىپ، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى يەتكۈزۈپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاشتەك مەدەنىيلىك ئېڭىنى كۈچەيتتى.

لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بىر خىل روھ، بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بىز ھەم لېي فېڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، يۈكسەك غايە ـ ئېتىقاد ۋە ئەخلاق ـ پەزىلەت ئىنتىلىشىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئادەتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا نامايان قىلىپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، لېي فېڭ روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، باشقىلارغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئاجىزلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشتەك ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.


ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى

分享到: