新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» سېتىشنى ئۇيۇنى قىززىپ كەتتى

发表时间:2021-04-08 19:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئىككىنچى قېتىملىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى كەلدى!

5 مىليون يۈەنلىك سوۋغات بېلىتى سىزنىڭ ئېلىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ!

2021 - يىلى ئەمدىلا شىنجاڭغا كەلگەن «لاتارىيە بازىردىكى يىڭى مىھمان» بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنىنى چەكسىز پۇرسەت دېيىشكە بولىدۇ، قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا ياقتۇرۇپ قىلشىغا ئىرىشتى. 3 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىگىچە، «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 1421 يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى! مۇشۇنداق خۇشاللىنارلىق ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، بىر تەرەپتىن شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «شادلىق 8» نى ئوينىيالايدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن « شادلىق 8» ئويۇنى ھەقىقەتەن ئاددىي، قىزىقارلىق بولۇپ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شادلىق8» ئويۇنىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى 7-مارت ئاياغلاشتى، كۆپچىلىك تازا كۆڭۈللۈك ئوينىيالمىدى، پۇخادىن چىققۇچە ئوينىيالمىدى! ئالدىرىماڭ، ئىككىنچى دولقۇن ھازىرلا كېلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ «شادلىق 8» ئويۇنىغا بولغان قىزغىنلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش، «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ خۇشاللىقى ۋە سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ھېس قىلىش ئۈچۈن، «شادلىق 8» ئويۇنى «خۇشاللىق بىلەن يڭى يىلدا جەم بولۇش» تېمىسىدىكى سىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت 2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى «شادلىق 8» ئويۇنى 2021059-سانىدىن باشلىنىپ، 5 مىليون يۈەن پائالىيەت سوممىسى تۈگىگەنگە بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

تۇنجى قېتىملىق پائالىيەتكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش سالمىقى (4 مىليون يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگە) ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى دو تىكىش ئۇسۇلى سانى (سەككىز خىلدىن 20 خىلغا ئۆستۈرۈلدى) زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى، «ئوننى تاللاش» تىن «يەتتىنى تاللاش» قىچە بولغان قىسمەن مۇرەككەپ دو تىكىش ئۇسۇلى بار بولۇپلا قالماي، يەنە يېقىنقى مەزگىلدىكى قىزىپ كەتكەن «دەنما چۈەنتو» ئۇسۇلىمۇ بار. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىڭ.


بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەزگىلىدە، ئومۇمەن شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» گە دو تىكىش پونكىتىدا يۇقىرىقى 20 خىل دو تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق «شادلىق 8» ئويۇنىدىكى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسا ياكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسلىدىكى بېلەت سېتىۋېلىش پونكىتىدا بەلگىلەنگەن سوممىدىكى «شادلىق 8» ئويۇن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر قېتىم كەڭ لاتارىيەچى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، «شادلىق 8» ئويۇنى گەرچە قىزىقارلىق، بېلەت سوۋغا قىلىش پائالىيىتى گەرچە ئەمەلىي نەپلىك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا لاتارىيەنى كاللنى ئىشىلىتىپ ئەقىلىنى يۈرگۈزۈپ سېتىۋېلىش، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىش كېرەك!

分享到: