新闻详情

پىشقەدەم لاتارىيەچى 88 ھەسسە 3D يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-09 17:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پىشقەدەم لاتارىيەچى 88 ھەسسە 3D يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، پاراۋانلىق لاتارىيىسى تۇرمۇشنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى.

3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا مۇنداق دېدى:« 3D ئۇيۇنى 88 ھەسسە يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم! مۇكاپات سوممىسى 91520 يۈەن!» ، «قارىغاندا سىز ئاللىقاچان ھېسابلاپ بولغان ئوخشايسىز!»-دېدى مۇكاپات نەقلەشتۈرگۈچىلەر كۈلۈپ تۇرۇپ.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش جەريانىدا، ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشىنى ھەمبەھىرلىدى. ئەسلىدە، ۋاڭ ئەپەندى كۆپلىگەن لاتارىيەچىلەرگە   ئوخشاش 3D ئويۇنى بازارغا سېلىنىپلا بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ قالغان، ئۇنىڭ قارىشىچە 3D ئويۇنى ئويناش بىر قەدەر قىزىقارلىق بولۇپ، ھەر كۈنى مۇكاپات ئېچىلدىغان بولۇپ، ھەر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىشقا ۋاقىت چىقارغىلى بولىدىكەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئاددىي، يەنى قايسى نومۇرنىڭ ياكى قىممىتىنىڭ ئەڭ چوڭ چۈشۈپ قالغان قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، نۇقتىلىق دىققەت قىلىشقا باشلايدىكەن.

ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى 65288011 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئۇ دائىم بارىدىغان «تەلەيلىك جاي» ئىدى. 2- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ «تەلەيلىك جايى» غا كېلىپ، بۇرۇنقىدەكلا ۋەزىيەتكە قاراپ، كۆرسەتكۈچلەرنى تەھلىل قىلدى. شۇ مەزگىلدە ئۇ 4 ۋە 7 گە بىر قەدەر دىققەت قىلغان بولۇپ ، يۆنىلىش خەرىتىسى ئارقىلىق، 747 نىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، شۇڭا 3 كۈن ساقلىدى، لېكىن نەتىجىسى بولمىدى. شۇ كۈنى ۋاڭ ئەپەندى نومۇر تاللاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز تېلېفون كېلىپ ئۆيگە قايتىشقا توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «747، 047» بۇ ئىككى نۇمۇرغا 88 ھەسسە قايتىلانما دو تىكتى، ۋە ئارقىدىنلا ئۆيىگە قايتتى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۈچ كۈن ساقلاپ تۇرۇپ چىقمىغان نومۇر، ئەكسىچە ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە چىقىپ قالدى!»-دېدى.

«شۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى ئاڭلاپ، بەكلا خۇشال بولدۇم!»ـــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىش ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش مېنىڭ كۆپ يىللىق مېھىر ـ شەپقەتكە تۆھپە قوشقانلىقىمنىڭ نەتىجىسى، بۇ بەخت ـ سائادەت ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»-دېدى.


分享到: