新闻详情

ئامەت كەلسە توسۇۋالغىلى بولمايدۇ

发表时间:2021-04-12 18:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

بىكار قالسىڭىز سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىڭ، كىم بىلسۇن سىزگىمۇ ئاۋدى ماشىنا مۇكاپاتى چىقامدۇ؟ بۇنداق غەلىتە ئىشلار كۆپ ئۇچرىمايدۇ، بۈگۈن تەھرىر كۆپچىلىككە بىر تەلەيلىك لاتارىيەچى دوستىمىزنىڭ ھېكايسىنى ھەمبەھىرلەيدۇ، بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچى سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىش جەريانىدا بىر قانچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن بىر ئاۋدى ئاپتوموبىلىغا ئېرىشتى.

3-ئاينىڭ 9-كۈنى، سانجى مورى ناھىيەسى 65230244 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى جاۋ يەنلىڭ خۇشال ھالدا پوجاڭزا ئېتىپ، پىلاكاتلارنى ئېسىپ، پونكىتتىن كاتتا مۇكاپات چىققانلىقىنى تەبرىكلىدى، پوجاڭزا ئاۋازى بۇ جىمجىت كىچىك شەھەردە كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.

3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جېڭ ئەپەندى ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى:«ھەقىقەتەن ئامەت كەلسە توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، بۇ بەخت بەك تۇيۇقسىز كەلدى، مەن ھازىرغىچە گاڭگىراپ قالدىم.»-دېدى.

جېڭ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا، ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپات بىلەن بولغان قىزىقارلىق ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى:«تاماقتىن كېيىن ئايلىنىپ كېلىدىغان ئادىتىم بار ئىدى، 3- ئاينىڭ 8- كۈنى، مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تاماق يەپ بولۇپ سەيلە قىلغىلى چىقتىم، تىيانشان گۈللۈكى شىمالىي دەرۋازىسى ئەتراپىدىكى 65230244 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، پونكىتىنىڭ ئىچى قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز ھاياجانلىنىپ كىرىپ كۈرۈپ چىقامچى بولدۇم. دۇكانغا كىرىپلا، ئۈستەلدىكى بىر تۇتام "ئالتە بەخت" لاتارىيە بېلىتى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، ئەسلىدە بۇ قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇيۇنى «ئالتە بەخت» نىڭ «لاتارىيە سېتىۋېلىپ ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش» پائالىيىتى بولۇپ، مىليون يۈەنلىك مۇكاپات ۋە ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتى لاتارىيەچىلەر قوغلىشىدىغان مۇكاپات بۇيۇمىغا ئايلانغانىدى، لاتارىيەچىلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدىن ئۇلارنىڭ PK قىلىپ لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ تەلىيى ياخشى ئىكەنلىكىنى بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بۇلاتتى.

ـــ«مەنمۇ ئۇلارنىڭ PK مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ يەتتە پارچە "ئالتە بەخت" لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىم»ـــ دېدى جېڭ ئەپەندى. يەتتە پارچە لاتارىيە بىلىتىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پارچىسىنىڭ ھېچقايسىدا مۇكاپات چىقمىدى، تۆتىنچى پارچىسىغا ئاران 20 يۈەن چىقتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قىرغاندا مۆجىزە يۈز بەردى، بېلەت يۈزىدە تۇيۇقسىز بىر «ئاپتوموبىل» بەلگىسى پەيدا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن شۇ چاغدا تېڭىرقاپ قالدىم، خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولۇپ، دەرھال لاتارىيە بېلىتىنى ساتقۇچىغا كۆرسەتتىم، ئۇنىڭدىن ماشىنا مۇكاپاتى چىققان ياكى چىقمىغانلىقى سورىدۇم، ئېنىق جاۋابقا ئېرىشكەن چاغدا، مەن ھاياجانلانغىنىمدىن گەپمۇ قىلالماي قالدىم.»-دېدى.

نۆۋەتتە، «ئالتە بەخت» تە لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، ئەگەر سىزمۇ باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان تەلەيلىك ئادەم بولۇشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا بىر قانچە پارچە «ئالتە بەخت» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسىڭىز، بەلكىم پائالىيەت دولقۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن!


分享到: