新闻详情

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغىلى بىر ئاي بولدى

发表时间:2021-03-04 16:29

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، خۇشاللىقلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغىلى بىر ئاي بولاي دەپ قالدى، مەيلى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى مال ساتقۇچىلار بولسۇن ياكى لاتارىيەچىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئازراق « قانۇنىيەت» نى تېپىپ چىقتى.

شىخەنزە 65030077 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى جاڭ ھەدىنىڭ مىجەزى قىزغىن، ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، ئادەتتە لاتارىيەچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى، «شادلىق 8» ئۇيۇنى بازارغا سالغاندىن بۇيان، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەن لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزغىن تەۋىسيە قىلىپ كەلدى، لاتارىيەچىلەر ئادەتتە «شادلىق 8» لاتارىيە بېلىتىدىن بىر نەچچىنى سىناق تەرىقىسىدە سېتىۋالاتتى. 1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، دائىم قىرىپ خۇشاللىق ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان لاتارىيەچى شياۋ لى يەنە يېڭى بېلەت «شىنچۇ كالىسى» سېتىۋالغىلى كەلدى. پۇلنى تۆلەپ بولۇپ بېلەت قىرىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، جاڭ ھەدە دو تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا ئۇنى چاقىرىپ: ـــ «شياۋلى، قۇرۇق ئوينىماڭ! "شادلىق 8 " نى ئېلىپ ئويناپ بېقىڭ. تۇلۇق چىقسا مۇكاپات بار، چىقمىسىمۇ مۇكاپات بار، تولۇق چىقمىسىمۇ مۇكاپات بار!»-دېدى، شياۋ لى تەشۋىقات ۋارىقىنى قولىغا ئېلىپ، قائىدە ۋە مۇكاپات قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە ساننى يېزىپ، جاڭ ھەدىگە:« جاڭ ھەدە، بۇ بىر نەچچە ساننى بەش ھەسسە بېسىپ، ئالتىنى تاللاپ سىناپ باقاي»-دېدى. جاڭ ھەدە چاققانلىق بىلەن بېلەتنى چىقىرىپ، شياۋ لىغا بېرىپ يەنە تاپىلاپ: ـــ «بېلەتنى ياخشى ساقلاڭ، كەچتە مۇكاپات ئېچىشنى كۈتۈڭ، سىزگە ئامەت يار بولسۇن!»-دېدى.

ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، شياۋ لى ئالايىتەن پاراۋانلىق لاتارىيەە پونكىتىغا كېلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى: ـــ «ھا، ھا، ھا، ھەقىقەتەن جاڭ ئاچامنىڭ شاپائىتىدىن، تۈنۈگۈن كەچتە سېتىۋالغان "شادىلىق 8" لاتارىيە بېلىتىدىن 15000 يۈەن مۇكاپات چىقتى، بۈگۈن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي.»-دېدى، جاڭ ھەدە چىن كۆڭلىدىن شياۋلى ئۈچۈن خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى:« سىزنىڭ تەلىيىڭىز بار ئىكەن، تۇنجى قېتىم سېتىۋالسىڭىزلا مۇكاپات چىقىپتۇ، بۇ سىزگە تەۋە مۇكاپات، تاماققا تەكلىپ قىلمىسڭىزمۇ بۇلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى كۆپرەك قوللاپ بەرسىڭىزلا بولدى!»-دېدى.


分享到: