新闻详情

بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن

发表时间:2021-03-29 16:04

       1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، «شادلىق 8» ئويۇنى 2021016 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قورغاس ناھىيەسىدىكى 65415901 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپات چىققانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر كەلدى، شياۋ لى بىردا 11 كود ئارقىلىق توققۇز قايتىلانما بېلەت بىلەن، 11360 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.

«شادلىق 8» ئويۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. «يەتتىنى تاللاش» ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئويناش ئۇسۇلىدا« نومۇرى تولۇق چىقسا» مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە «بىر نومۇرمۇ چىقمىسا» مۇ يەنىلا مۇكاپات بار بۇلۇش ئالاھىدىلىكى، كونا-يېڭى لاتارىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مانا قورغاس ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى شياۋ لى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، شياۋ لى دوستى بىلەن ئىشنى بېجىرىپ بولۇپ، قورغاس ناھىيەسىدىكى 65415901 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتتى، شياۋ لى دوستى بىلەن بىللە پونكت ئىچىگە كىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. شياۋ لى دوستلىرى ۋە پونكىت ئىچىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ئويۇن نومۇرىنى ھېسابلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، زېرىكىپ ئۆزىگىمۇ بىر تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى ئويلىدى. مال ساتقۇچى خادىم چۈشەندۈرۈپ تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن، شياۋ لى «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ «توققۇزنى تاللاش» ئۇسۇلىنى تاللىدى، ئاپتوماتىك 11 نومۇرنى تاللاپ تەكرار دو تىكتى. دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، شياۋلى بىلەن دوستلىرى ئۆزلىرى سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. ئويلىمىغان يەردىن، شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندا، دوستى گەرچە مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان شياۋلىغا سەككىز نومۇر چىقىپ، 11360 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شياۋلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:« مىنىڭ ھازىر لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش مەبلىغىم بار بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن دائىم لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالىمەن! ماڭا ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان "شادلىق 8" چوقۇم بىرىنچى تاللاش قىلىمەن!»-دېدى.


分享到: