新闻详情

ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش

发表时间:2021-03-30 11:56

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، يېتىم-يېسىرلارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تىن ئىبارەت تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى. 2021 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى «خەلق ھەممىدىن ئەلا . چاغاننى كۈتۈۋېلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» خەلق ئىشلىرى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ھەرىكىتى مېھىر ـ شەپقەت ئىئانە مەبلىغى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى قىيىنچىلىقى بار 200 ئامما ۋە ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى، جەمئىي 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ تارقىتىپ بەردى، مەبلەغ مەنبەسى پاراۋانلىق فوندى بولدى.

سانجى شەھىرىدىن كەلگەن 27 نەپەر قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋەكىلى ئىئانە مەبلىغى تارقىتىش مۇراسىمىدا، ھەر بىر كىشى 2000 يۈەندىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىئانە پۇلى ئالدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىنى يەردە قويمايمىز»-دېدى سانجى شەھىرى ئاھالىسى جاۋ چىڭپىڭ مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا. جاۋ چىڭپىڭنىڭ ئايالى نەچچە يىل ئىلگىرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالدى، مەھەللىنىڭ ياردىمىدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېجىرىپ، ئاساسىي تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، ئۇنى خۇشال قىلغىنى مېھىر-شەپقەت ياردەم مەبلىغى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ چاغاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.

«چاغاندىن بۇرۇن بۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئىئانە پۇلىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدىم، ماڭا ئوخشاش ئىگە ـ چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چاغاننى ئىللىق، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.»-دېدى ئىگە-چاقىسىز ياشانغان گاۋ بوۋاي.

2021 ـ يىللىق پاراۋانلىق فوندى ياردەم تۈرىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «سانجى ئوبلاستىنىڭ 2021 ـ يىللىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى پاراۋانلىق فوندى تۈرىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تۈزۈپ، پاراۋانلىق فوندى ياردەم تۈرى، ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى ياردەم بېرىش تۈرى سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر) لىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىنىڭ قوللىشىدا، يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى) لارنى تەشكىللەپ، نامرات ئاھالە، ئالاھىدە كىشىلەر توپى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، «ئۈچنى ساقلاپ قالغان» كىشىلەر، قىيىنچىلىقى بار بالىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى چۆرىدەپ، ئائىلىلەرگە كىرىش، ئەھۋال ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق 200 نەپەر ئىئانە قىلغۇچىنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىپ، پاراۋانلىق فوندىنى ئەڭ ئېھتىياجلىق مۇلازىمەت توپىغا ھەقىقىي يەتكۈزدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى پاراۋانلىق فوندى ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى ئارقا ـ ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىم ـ يېسىرلارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.


分享到: