新闻详情

تۆت لاتارىيەچى بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-14 11:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئەتىياز پەسلىدە، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چاچتى، لاتارىيە بازاردىكى ھەر قايسى ئويۇنلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇش خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇردى، خۇددى رەڭگارەڭ گۈللەردەك بەس-بەستە ئېچىلىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدى. يېقىندا، لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن « شادلىق 8» ئۇيۇنى توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئويناش ئۇسۇلى −«دەن 4 چۈەن تو» ، تېخىمۇ كۆپ خۇش خەۋەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يەتكۈزدى. 3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ماناس ناھىيەسى 65232402 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، لاتارىيەچى «دەن 4 چۈەن تو» دو تكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، « شادلىق 8» ئويۇنى بەشنى تاللاش ئۇسۇلى بويىچە 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى 65232402 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى لۈ خانىم ۋە ئۇ پونكىتتىكى ئۈچ نەپەر لاتارىيەچى ئىكەن. يېقىندا، لۈ خانىم تورغا چىقىۋېتىپ « شادلىق 8» ئويۇنى «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى بايقىغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مۇكاپات چىقىش   نىسبىتى يامان ئەمەس ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۈ خانىم لاتارىيەچىلەر توپىدا «دەن 4 چۈەن تو» بىرلىشىپ سېتىۋېلىش «شادلىق 8» بەشنى تاللاش ئويناش ئۇسۇلى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەرھال ئۈچ نەپەر لاتارىيەچىنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۆت كىشىلىك لاتارىيە گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، « 20، 24، 39، 57» نى دەنما قىلىپ، ھەر كۈنى نومۇر ئەگىشىشكە باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن 7-كۈنىگە كەلگەندە 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

لۈ خانىم مۇنداق دېدى:«باشقىلارنىڭ لاتارىيە ئوينىغىنىنىلا كۆرۈپ، لاتارىيەنىڭ ئىچىدىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئۆز بېشىمىزىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك،»-دېدى، بۇ قېتىم «دەن 4 چۈەن تو» تىن ئىبارەت مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى، ئۇنىڭغا خۇشاللىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردۇم، ئۇ بىرلىشىپ «دەن 4 چۈەن تو» نىڭ چوقۇم بىر خىل مودا بولغان دو تىكىش ئۇسۇلىغا ئايلانغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1.png

分享到: