新闻详情

بۇ ئايدا تىجارىتىم روناق تېپىپلا قالماي يەنە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم

发表时间:2021-04-14 16:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

3 ـ ئايدىكى قەشقەردە باھار شامىلى ئىللىق بولۇپ، لاتارىيەچىلەرگە نىسبەتەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان ياخشى پەسىل ئىدى، قىزىقارلىق پاراۋانلىق لاتارىيە 3D ئويۇنىمۇ لاتارىيەچىلەرنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇپ، لاتارىيەچى دوستلارغا ئارقا ـ ئارقىدىن خۇشاللىق ئاتا قىلدى! 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى 65310203 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 110 ھەسسە دەل جايىدا دو تىكىش ئارقىلىق 3D ئويۇنىنىڭ 2021054 قاراردا 110 ھەسسىلىك يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 114400 يۈەن بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئون ھەسسە ئالتىنى تاللاش گۇرۇپپا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 116310 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندى شۇ جايدا بىر كىچىك ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، مىجەزى ئوچۇق ـ يورۇق ئىكەن، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كونا لاتارىيەچى ئىكەن، ئۇنىڭ ئالتە يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشى ۋە شۇنداقلا تەجىربىسى بار بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە ھەرخىل ئۇيۇن بېلىتى سېتىۋېلىشقا ئامراق ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 3D ئويۇنىغا ئالاھىدە قىززىقىدىغان بۇلۇپ ھەر بىر قارار چۇقۇم سېتىۋالىدىكەن. ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتىكى مول تەجرىبىسىگە تايىنىپ، نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشتى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر ئۇنى سەمىمىي ھالدا « 3D شاھى» دەپ ئاتايدىكەن.

3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى تىجارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئالدىراپ ـ تېنەپ 65310203 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا ئالدى بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان لاتارىيەچىلەر بىلەن سالاملاشتى، ئاندىن 3D ئويۇنى يۆلىنىش خەرىتىسى ئالدىدا تۇرۇپ كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ ئىسسىق-سوغۇق نۇمۇرلارنى تولۇقلاش، چوڭ-كىچىك، تاق جۈپ، ۋە قىممەت قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق بىرقەدەر ياخشى بولغان بىرقانچە گۇرۇپپا ساننى تاللاپ چىقىپ، قايتا-قايتا ئويلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا « 437» دېگەن بۇ نومۇرنى تاللىدى ھەمدە 110 ھەسسە بويىچە تاق تاللاپ دو تىكتى، يەنە نورمىدىن سىرت 10 ھەسسە بويىچە گۇرۇپپىلاپ ئالتىنى تاللاشقا دو تىكتى، ھەر ئېھتىمالنىڭ ئالدىنى ئالدى.

شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنىنىڭ مۇكاپات نومۇرى دەل« 437» بولۇپ، ۋاڭ ئەپەندى بەختكە يارىشا 116100 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، بىرىنچى بولۇپ ئائىلىسىدىكىلەرگە بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزدى. مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«3 ـ ئاي ھەقىقەتەن مېنىڭ تەلىيىم كەلگەن ئاي، تىجارىتىم روناق تاپقانلىقىنى دېمەيلا تۇراي، يەنە 3D ئۇيۇنىدا مول مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم! بەك قالتىس بولدى!»-دېدى.

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

2.png

分享到: