新闻详情

ئامەتلىك ياش يىگىت 24960 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-15 11:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كونىلاردا: « ئارزۇ بولسىلا ئۈمىد بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. بۇ سۆز سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى شياۋۋاڭنىڭ ۋۇجۇدىدا تولۇق نامايان بولدى. شياۋ ۋاڭ ھەر كۈنى يان تېلېفون ئارقىلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىدۇ، بىكار ۋاقىتلىرىدا يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ، شۇنداقلا مۇقىم بىر پونكىتتا سېتىۋالمايدۇ، ئىزچىل نەگە بارسا شۇ يەردىن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ، لاتارىيە سېتىۋېلىش ئاللىقاچان ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالغان.

3- ئاينىڭ 28- كۈنى، شياۋ ۋاڭنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى. 3D ئويۇنى 2021077-قارار مۇكاپات نۇمۇرى« 853» نى ئېلان قىلغان، شياۋ ۋاڭ 24 دو 3D ئويۇن يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇ، مۇكاپات سوممىسى 24960 يۈەن بولغان. 3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، شياۋ ۋاڭ تەمكىن ھالدا سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات پۇلىنى ئالدى. مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ سىرى سورالغاندا، شياۋ ۋاڭ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ: « نەدىمۇ سىر بولسۇن! بۈگۈن مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ئىزچىل تۈردە لاتارىيە سېتىۋېلىپ كەلگەنلىكىمدىن بولدى، مەن ئىزچىل لاتارىيە ئويناشنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىم، 10 يىلغا يېقىن لاتارىيە ئويناش ئىستاژىغا ئىگە بولدۇم، ئىلگىرى لاتارىيە ئويۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 3D ئويۇنىدىمۇ چوڭ كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىدىم، ماڭا نىسبەتەن لاتارىيە سېتىۋېلىش بىر كۆڭۈل ئېچىش بولۇپ، تەلىيىم ئوڭدىن كەلسە مۇكاپاتقا ئېرىشىمەن، تەلىيىم ئوڭدىن كەلمىسە پاراۋانلىق دەپ قارايمەن. مېنىڭچە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك، پۇرسەت بولسا ۋاز كەچمەسلىك كېرەك!»-دېدى.

مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، شياۋۋاڭ مۇنداق دېدى: « بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىمەن، شۇنداقلا ئامىتىمنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)

1.png

分享到: