新闻详情

بىرلىشىپ سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسىغا 538200 يۈەن مۇكاپات چىقتى

发表时间:2021-04-15 17:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

« شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ 2021077-قاراردا ، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى 65310219 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، ئالتە نەپەر لاتارىيەچى بىرلىشىپ « شادلىق 8» ئويۇنىنى ئويناپ، 538200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى 65310219 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئادەتتىكىگە ئوخشاش قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى، «شادلىق 8» ئۇيۇنىنى ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيەچىلەر كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن بەس ـ بەستە نۇمۇر تاللاش ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتى. مال ساتقۇچى شياۋ ياڭ لاتارىيەچىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن بىر نەچچە نومۇر تەۋسىيە قىلدى، يەنە بىر مەيدان «شادلىق 8» بىرلىشىپ   سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. لاتارىيەچى شياۋجاڭ: ـــ «كونىلاردا "كۆپنىڭ كۈچى كۆپ" دېگەن گەپ بار. بۈگۈن كۆپچىلىك بىرلىشىپ سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشامسىلەر؟ بەلكىم ئامەتنى كۈتۈۋېلىشىمىز مۇمكىن!»-دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئالتە كىشىلىك بىرلىشىپ سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى مانا مۇشۇنداق قۇرۇلدى!

شۇ كۈنى كەچتە« شادلىق 8» ئويۇنى باشلانغاندىن كېيىن، سېتىش خادىمى شياۋ ياڭ دو تىكىش ماشىنىسىدىن بۇ پونكىتنىڭ « شادلىق 8» ئويۇنىدىن 500 نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭلىدە خۇشال بولدى، ئەجەبا ئالتە كىشىلىك بىرلىشىپ سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسىغا مۇكاپات چىقىپ قالغانمىدۇ؟ ئۇ دەرھال سېلىشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ـــ «ۋاھ! دەرۋەقە مۇكاپات چىقىپتۇ! يەنە تېخى كاتتا مۇكاپات!»-شياۋياڭ ھاياجانلانغان ھالدا ۋارقىراپ، دەرھال ئۈندىدار توپى ئارقىلىق كۆپچىلىككە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇ ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ئالتە كىشىلىك بىرلىشىپ سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى جەمئىي 538200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بىر مەھەل لاتارىيەچىلەر ئۈندىدار توپىدا كەيپىيات جانلىنىپ، قىزغىن كەيپىيات نەچچە سائەت داۋاملاشتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئالتە نەپەر لاتارىيەچىمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن لاتارىيە دۇكىنىغا كەلدى، كۆپچلىك ئۇلارنىڭ ئامەتلىرىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

2.png

分享到: