新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-16 12:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

     4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن دو تىكىش ئۇسۇلى «دەن 4 چۈەن تو» دىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى، قۇتۇبى ناھىيەسى 65238048 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى «شادلىق 8» ئويۇنىدا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك ئادەم ۋاڭ ئەپەندى ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇلۇپ، « شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى 65238048 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ نومۇر كۆرىدىكەن، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ ھەر بىر خىل ئويناش ئۇسۇلىنى سىناپ باققان ئىكەن. يېقىندا، ئۇ مال ساتقۇچىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، «دەنتو» نى سىناپ باقتى، بولۇپمۇ توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن دو تىكىش ئۇسۇلى «دەن 4 چۈەن تو»، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى تۆت نومۇرنى دەنما قىلىپ تاللاپ، كەسكىن ھالدا «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا« ئۈچنى تاللاش» ۋە « 10 نى تاللاش» ئويۇنىغىمۇ دادىللىق بىلەن دو تىكتى.

ئەتىسى ۋاڭ ئەپەندى يەنە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش پونكىتىغا كېلىپ، تۈنۈگۈنكى لاتارىيە بېلىتىنى ساتقۇچىغا بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ساتقۇچى بېلەتنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا ۋاڭ ئەپەندىگە: « مۇبارەك بولسۇن، كاتتا مۇكاپات چىقىپتۇ! » دېدى. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ۋاڭ ئەپەندى بۇ قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش جەريانىدا« ئۈچنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە 57 يۈەن، « ئوننى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە 243 يۈەن، بەشنى تاللاش «دەن 4 چۈەن تو» دا 17260 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:« ئويلىمىغان يەردىن، باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاپ، تەلەي ئوڭدىن كەلدى»-دېدى.

3.png

分享到: