新闻详情

ياش يىگىت قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇيۇنىدا 500 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-19 11:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، قورغاستىكى 65410383 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بىر ياش يىگىت قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇيۇنى «چۆ چياۋ ئۇچرىشىشى» نىڭ 500 مىڭ يۈەنلىك 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەتىسى يىگىت خۇشاللىق ئىچىدە ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شياۋلىن بۇ يىل 20 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئىزچىل يەككە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ھەر يىلى 3-، 4-ئايلاردا شياۋلىننىڭ كەسپى ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا چولىسى تەگمەيتتى، بۇ شياۋلىن ئۈچۈن ئېيتقاندا قاتتىق يارا ئىدى.

4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياۋلىن ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، قورغاس 65410383 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، ئاخىر «ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ» بىر پارچە قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى، تېخى لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولمايلا تېلېفون توختىماي سايراپ كەتتى، شياۋلىن ئامالسىز ئالدىراپ كېتىپ قالدى. چۈشلۈك دەم ئېلىشتا،   شياۋلىن يەنە بىر قېتىم پونكىتقا كىرىپ، ئۇدا ئون نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى قىردى، ۋە ياخشى ھوسۇل ئالدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 500 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىق ئاخىر ئاخىرلاشتى، شياۋلىن يەنە بىر قېتىم ئىككى تال قوغۇشۇن قۇيغاندەك ئىككى پۇتىنى كونا جاي يەنى قورغاستىكى 65410383 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا يۆتكىدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، شياۋلىن ئالدى بىلەن ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇردى، ھارغىن كۆزلىرىنى «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» كۆرسىتىش قۇتىسىغا يۆتكىدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان « قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» لاتارىيەسىنى كۆرگەن شياۋلىننىڭ جاۋغىيى سەل ئېچىلىپ قالدى. ئۇ كۆرگەزمە قۇتىسىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا نەزىرىنى قىممىتى 20 يۈەنلىك «چۆ چياۋ ئۇچرىشىشى» غا تىكىلدى، ۋە ئىككى پارچە سېتىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى پارچىسىدىن 10 يۈەن چىقتى، ئىككىنچى پارچىسىنى قىرغاندىن كىيىن « پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز» دېگەن رەسىم چىقتى، بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 500 مىڭ يۈەن ئىدى. بۇ كاتتا مۇكاپاتنى كۆرۈپ، شياۋلىننىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى ھارغىنلىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقاپ كەتتى.

مۇكاپاتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى توغرىسىدا شياۋلىن خۇشاللىقىدىن قىن ـ قىنىغا پاتماي قالدى:«مەن تېخى ياش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپىم يۇقىرى ئۆرلەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ "ياردەمچى كۈچى" دىن پايدىلىنىپ، ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بالدۇرراق كىشىلىك ھاياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

5.png

分享到: