新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 3D ئۇيۇنىدا 10400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-19 12:46作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى « كىچىك ئويناش ئۇسۇلى، چوڭ ماركا، مۇقىم مۇكاپات، كۈندە ئېچىش، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، ئاسان قول سېلىش» قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن سانجى   لاتارىيە بازىرىدىكى بىر تۈركۈم سادىق لاتارىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، ئۇلار ھەر كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ نومۇر يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىپ، نومۇر چىقىش قانۇنىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئېھتىيات بىلەن دو تىكىپ، ئامەت كېلىشىنى كۈتمەكتە. 3- ئاينىڭ 31- كۈنى، 3D ئويۇنى 2021080-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى « 128» بولدى، سانجى شەھىرى 65230216 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 3D ئۇيۇنىدا 10400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ئەپەندىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيە ئويۇنى 3D بولۇپ، بۇ قىزىقارلىق لاتارىيە ئويۇنى ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىكى بىر چوڭ قىزىقىشى بولۇپ قالغان. 31-مارت، جاڭ ئەپەندى 65230216 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 3D ئۇيۇنى يۆنىلىش خەرىتىسىنى بىر ئاز كۆرۈپ، بىر پەس ئويلىنىپ، ئاخىرىدا ئۆزى ياخشى دەپ قارىغان « 128، 281، 218» نومۇرنى تاللاپ چىقتى ھەمدە 10 ھەسسە دو تىكتى. ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچتە ئېچىلغان مۇكاپات نومۇرى دەل 128 بولۇپ، جاڭ ئەپەندى 10400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات ئالغاندا، جاڭ ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىقىغا چۆمۈپ كەتتى، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « ئامەت كەلسە توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئادەتتە مەن پەقەت سېزىمىم ياخشى بولغان نومۇرغا ئۈچ ھەسسىدىن بەش ھەسسىگىچە دو تىكەتتىم، بۇ قېتىمقىدەك ئون ھەسسە دو تكىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن!»-دېدى.

(سانجى لىنفېڭ)

1.png

分享到: