新闻详情

ئۇ سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ نەتىجىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-19 18:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، شىخەنزىدىكى يى ئەپەندى ئاپتوموبىل يۇيۇش ئورنىغا بېرىپ ئاپتوموبىلىنى يۇيدۇردى، ساقلاش جەريانىدا ئۇ ئاپتوموبىل يۇيغان ئىشچىلارنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يان تەرەپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى بىر لاتارىيەچىگە 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات چىققانلىقىدەك قىزىقارلىق خەۋەرنى مۇزىكا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ياندا كاتتا مۇكاپات چىققان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بارلىقىنى ئاڭلىغان يى ئەپەندى ئولتۇرالمايلا قالدى، ساقلاپ تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن ، ئۇنىڭدىن كۆرە ياندىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېرىپ خوشاللىقتىن بەھرىمان بۇلاي دەپ ئويلىدى.

يى ئەپەندى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، ئۇيان ـ بۇيان قاراپ، ناھايىتى تېزلا پاراۋانلىق لاتارىيە 65030059 پونكىتىنى بايقىدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، مال ساتقۇچى شياۋ لى ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇ يى ئەپەندىنىڭ لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، شياۋ لى پۇكەيدە تىزىلغان لاتارىيە بېلەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: « لاتارىيە ئويناپ باقمىغان بولسىڭىز، ئاۋۋال <قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش> لاتارىيە بېلىتىنى ئويناپ سىناپ بېقىڭ، قائىدىسى ئاددىي، بىر سىنىسىڭىزلا بىلىسىز»-دېدى. يى ئەپەندى بۇ گەپنى ئاڭلاپ پۇكەيدىكى لاتارىيە بېلەتلىرىگە قارىدى ۋە ھەر بىرسىدىن بىر تالدىن تاللىدى. « بۇ يەردە يەنە ئېشىپ قالغان ئىككى يۈەنلىك ئاخىرقى بېلەت بار، سىناپ باقامسىز، بەزىلەر مەخسۇس ئاخىرقى بېلەتنى ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.»-دېدى، يى ئەپەندى ئويلىنىپ، قىممىتى ئىككى يۈەنلىك ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە پارچە « جىنشاتەن» لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئالدى.

يى ئەپەندى بىر تەرەپتىن قىرغاچ، بىر تەرەپتىن مال ساتقۇچى شياۋ لى بىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات چىقىپتۇ، نومۇر تاللاشنىڭ بىرەر سىرى بارمۇ-يوق؟-دەپ سورىدى، شياۋ لى يى ئەپەندىنىڭ بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپاتقا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈپ بەردى: ـــ بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە، سىر بولغان بولسا ياخشى بولاتتى، مۇھىمى تەلىيىڭىزگە باغلىق، تەلىيىڭىز كەلسە، كاتتا مۇكاپاتمۇ كىلىدۇ.ــ »دېدى. ئىككىيلەن ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەۋاتقاندا، تۇيۇقسىز شياۋلى يى ئەپەندىنىڭ: « بۇ بېلەتنىڭ ئۈستىدە 20000 يۈەن بار ئىكەن، ماڭا 20000 يۈەن چىققان ئوخشىمامدۇ؟»-دېدى، شياۋ لى دەرھال بېرىپ ئىنچىكىلەپ قاراپ، دەرۋەقە « جىنشاتەن» لاتارىيە بېلىتىدىن 20000 يۈەن مۇكاپات چىققان ئىدى، شياۋ لى:« ـــ قاراڭ، مانا بۇ مەن دېگەن تەلەي، سىزنىڭ تەلىيىڭىز بەك ياخشى ئىكەن، بۇ مۇكاپاتنى بۇ يەردە نەقلەشتۈرگىلى بولمايدۇ، سىز شىخېزى پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك.»ــ دېدى.

ئەتىسى ئەتىگەندە، يى ئەپەندى خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇشال ھالدا شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى ھەم سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « بۇرۇنمۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ باقمىغان، ئەينى چاغدا ئۇ يەردە 7 مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، تاماشا قىلغىلى بارماقچى بولغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزۈممۇ   "كاتتا مۇكاپات" غا ئېرىشتىم! »-دېدى.

(شىخەنزە جاڭفەن)

2.png

分享到: