新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-20 16:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

باھار كېلىپ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ» «100 يىللىق شانلىق» ئۇچرىشىشنىڭ 4 ـ ئېيى تەكلىپ قىلىنىپ، شىنجاڭ لاتارىيەچىلىرىگە مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تەقدىم قىلىندى. مۇكاپات خۇش خەۋىرى ناھايىتى تېز تارقالدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر شاد ـ خۇراملىققا چۆمدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەرمۇ خۇشاللىقلار ئىچىدە كۆپچىلىك بىلەن مۇكاپات خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىلەندى.

7.png

« ئاددىي-ساددا بولسا ئاندىن راست بولىدۇ»

«ئاددىي-ساددا بولسا ئاندىن راست بولىدۇ.»-دېدى 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەن ئاقسۇ باي ناھىيەسىدىن كەلگەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى خاۋ ئەپەندى 1 مىليون يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلۇپ، ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مەن پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كونا لاتارىيەچى، ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن. 4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى باي ناھىيەسىنىڭ غالىبىيەت يولى 65290237 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، نۇرغۇن «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىش» لاتارىيە بېلىتى سىناپ باقتى،«دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىدە مىليون يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئائىلىسىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

«لاتارىيە سېتىۋالغىلى كۆپ يىل بولدى، ئىلگىرىكى ئوتتەك قىززىقىش قالمىدى، ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، مۇكاپات چىقسا ياخشى مۇكاپات چىقمىسا ھېچقىسى يوق. مۇكاپات چىققاندىن كېيىن خۇش خەۋەرنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتتىم، مۇكاپات پۇلىمۇ پىلانلىنىپ بولدى، بۇ پۇل ئارقىلىق ئۆي قەرزى، ئاپتوموبىل قەرزىنى قايتۇرۇپ، قالغىنىنى تۇرمۇشنى ياخشىلاپ، داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىمەن.»-دېدى خاۋ ئەپەندى.

«مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن گاڭگىراپ، ھەتتا ھاياجانلىنىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن»

    بىر مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خاۋ ئەپەندىنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى، لىكىن پىچان ناھىيەسىدىكى 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاڭ ئەپەندى ھاياجىنىنى ئۇزاققىچە باسالمىدى.

4- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تېخى ئىشقا چۈشمىگەن ۋاقىتتا، لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى ساقلاپ تۇرۇپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. «مەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ساقلاپ تۇردۇم، بۈگۈن مۇكاپاتنى بالدۇرلا نەقلەشتۈرۈشكە ئۈلگۈردۈم، 1 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقتى، بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم، بەك ھاياجانلاندىم.» ــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى.

ئىگىلىنىشىچە، 12-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» يېڭى بېلىتى « 100 يىللىق شانلىق نەتىجە» نى تاللاپ، تەلەي سىناپ بېقىشنى ئويلىدى ۋە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئىككىنچى بېلەتتىن مىليون يۈەنلىك مۇكاپات چىقتى. مۇكاپاتقا ئېرىشىش تىلغا ئېلىنغاندا، ۋاڭ ئەپەندى يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن شۇ چاغدا تۇرۇپلا قالدىم، ھاياجانلىنىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇنچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمگە ئىشەنمىدىم، ئامەت كۆز ئالدىمدىلا. مەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى مال ساتقۇچىدىن شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىنى سورىغاندىن كېيىن دەرھال پويىز بېلىتى سېتىۋېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدىم.» -دېدى.

مۇكاپات پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئۈستىدە توختالغاندا، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مەن غۇلجا ناھىيەسىدىن پىچانغا ئىشلىگىلى كەلگىلى ئۈچ يىل بولدى، بۇلتۇر چاغاندا ئۆيگە قايتمىدىم، شۇ جايدا چاغان ئۆتكۈزدۈم، ئۆيۈمنى سېغىندىم. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ غۇلجىغا قايتىپ ئاتا ـ ئانامغا قاراشنى ئويلىدىم. بۇندىن كېيىن ئىشلىمەيدىغان بولدۇم، يۇرتۇمغا قايتىپ، ياخشى تۈرلەرنى تېپىپ سودا قىلىپ، ئاتا-ئانامغا ياخشى ھەمراھ بولىمەن، ئاندىن ئۆيلىنىمەن.»-دېدى.

分享到: