新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى : مۇكاپات چىققاندىكى تۇيغۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن

发表时间:2021-04-21 11:46作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ـــ «ئارزۇ يەنىلا بولۇشى كېرەك، ناۋادا ئەمەلگە ئېشىپ قالسىچۇ؟»-بۇ ما يۈن ئىلگىرى ئەلى بابانىڭ يىللىق يىغىنىدا دېگەن بىر جۈملە سۆزى، بۇ سۆز ئوخشاشلا لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ماس كېلىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارزۇيىڭىز بار بۇلىشى كېرەك، ناۋادا تەلەيلىك ئادەم سىز بولسىڭىزچۇ؟

4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، سانجى شەھىرى 65230216 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپات چىققانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالدى، لاتارىيەچى جاۋ ئەپەندى يەككە شەكىللىك، ئۈچ خىل بىرىكمە، ئۈچ ھەسسە گۇرۇپپا بويىچە دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 25980 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، جاۋ ئەپەندى 3D ئۇيۇنىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان 3D ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، پەقەت ئۆزى دو تىكىپ، كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللىسىلا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارزۇسى ئۇزۇنغا بارماي ئەمەلگە ئاشىدۇ.

شۇ كۈنى جاۋ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65230216 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 3D ئۇيۇنى يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆرۈپ، ئىلھامى كەلدى، ئىلگىرىكى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۇ 1 بىلەن 4 نىڭ چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1 بىلەن 4 نى بىرلەشتۈرۈپ ئۈچ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىدا، ھەر قايسىسىغا 15 ھەسسىدىن دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، جاۋ ئەپەندى بەختكە يارىشا 25980 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، جاۋ ئەپەندى ئىختىيارسىز ھالدا: « مۇكاپات چىققاندىكى تۇيغۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن! ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارزۇيۇم ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى!»، بۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايىدىن مۇكاپات چىققاندىن كېيىنكى خۇشاللىقى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىدىن ئايرىلدى.

(سانجى فېڭرۇي)

8.png

分享到: