ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى «يېڭى ماھىر» 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-21 15:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى « شادلىق 8» ئويۇنى قەشقەر ۋىلايىتىدە بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل، مۇكاپات دەرىجىسى مول، مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى، قىزىقارلىق بولۇشتەك ئويۇن ئالاھىدىلىكى نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى. لاتارىيە بازاردا ئارقا ـ ئارقىدىن مۇكاپات تارقىتىلدى، چوڭ مۇكاپات كىچىك مۇكاپاتلىرى كەينى ـ كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، «شادلىق 8» ئويۇنى ئويناش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.

3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى سەھەردە، پوجاڭزىلار چاراسلاپ قەشقەر شەھىرىنىڭ مېھمان كۈتۈش يولىدا ياڭرىدى، يولدىن ئۆتكەن ـ كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى 65310258 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدا توختاپ، ئىشىك بېشىغا ئېسىلغان «شادلىق 8 ئۇيۇنى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپات» دېگەن لوزۇنكىنى كۆردى، كۆپچىلىك قىزىقىپ پونكىتقا كىرىپ، مۇكاپات چىقىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى.

شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا، مال ساتقۇچى نيۇ ئەپەندى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ خۇشال ھالدا لوزۇنكىلارنى ئېسىپ، پوجاڭزا ئېتىپ، خۇش خەۋەر چاپلىدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان لاتارىيەچىلەر شاد- خۇراملىققا چۆمۈپ، چېپىپ يۈرۈپ بىر-بىرىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ، « شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم « توققۇزنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە 300 مىڭ يۈەنلىك چوڭ مۇكاپاتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 65310258 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى تېزلىكتە كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر توختىماي لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، مۇكاپات چىقىش ئەھۋالى ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتى، بىر مەھەل پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئادەملەر مىغ-مىغ بولۇپ كەتتى.

مال ساتقۇچى نيۇ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى چوڭ مۇكاپاتقا بىر ياش خانىم يەككە ھالەتتە تاللاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئېرىشكەن. بۇ خانىم كەم-كۈتسىز لاتارىيە سېتىۋالغان « يېڭى ماھىر» بولۇپ، ھەر قېتىم دو تىككەن پۇلى كۆپ ئەمەس ئىدى، تۈنۈگۈن مەن ئۇنىڭغا «شادلىق 8» ئويۇنىنى تەۋسىيە قىلدىم ۋە سىناپ بېقىشنى ئېيتتىم، ئۇ مۇشۇنداق ئاددىي، خالىغانچە بەش دو « توققۇزنى تاللاش» يەككە ئويناش نومۇرىنى تاللىدى، ئويلىمىغان يەردىن 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى! ھەقىقەتەن تەلىي بار ئىكەن!

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

9.png

分享到: