新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيىسى قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش، قىرغانسىرى تېخىمۇ خۇشال بۇلۇش!

发表时间:2021-04-21 19:12作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يېقىندا، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» تۈرى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، يەنە ئىككى يېڭى ئەزا شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىغا كىردى، ۋە لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق كەلدى، بۇ ئىككىسى دەل «بەخت-سائادەت» ، «گۆھەر ساندۇقى» !

10.png

(«بەخت-سائادەت» لاتارىيە بىلەت سىرتقى كۆرنىشى)

كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرىدىغان بىرىنچى ئويۇن: «بەخت-سائادەت» ، بۇ ئالاھىدە ئويۇن نامىنى كۆرۈپ، تەھرىر دەرھال « بەخت-سائادەت، بۈگۈن كەچتە توخۇ يېيىش» نى ئىسىگە ئالدى، تەلەي ۋە خۇشاللىق بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلىدى. قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى يېڭى ئەزاسى « بەخت-سائادەت » ئامەتنى ئېلىپ كەلدى، قىممىتى بەش يۈەن، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 200 مىڭ يۈەن، مۇكاپات دەرىجىسى 10 دەرىجە. ئىككى خىل ئويناش ئۇسۇلى بار، ئويناش رايونى ئىچىدىكى مۇكاپات چىقسا شۇ مۇۋاپىق مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: بىرىنچى، لاتارىيە بېلىتى يوپۇقىنى قىرىپ ئېچىپ، ئەگەر ئوخشاش بولغان ئۈچ مۇكاپات سوممىسى كۆرۈلسە، بۇ لاتارىيە بېلىتىدىكى بىر دانە مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. ئىككىنچى ئويناش ئۇسۇلى: لاتارىيە بېلىتى يوپۇقىنى قىرىپ ئېچىپ، ئەگەر ئوخشاش بولغان ئۈچ بەلگە پەيدا بولسا، يەنى مەزكۇر ئويناش ئۇسۇلى مۇكاپات رايونىدا كۆرسىتىلگەن مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.

11.png

(«گۆھەر ساندۇقى» لاتارىيە بىلەت سىرتقى كۆرنىشى)

ئىككىنچى خىل ئويۇن: « گۆھەر ساندۇقى» نىڭ قىممىتى ئىككى يۈەن، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن. بىلەت يۈزى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش خىل رەڭدە بۇلۇپ، ھەر بىر لاتارىيە بىلەت يۈزىدە ئوخشاش بولمىغان خەزىنە بار، گۆھەر ساندۇقىنى ئېچىپلا كۈتۈلمىگەن خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، يەنى سۇلياۋ يوپۇقنى قىرىپ ئېچىپ، ئەگەر ھەر قانداق مۇكاپات سوممىسى چىقسا، بۇ مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

پاراۋانلىق لاتارىيىسى قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش، قىرغانسىرى تېخىمۇ خۇشال بۇلۇش!

分享到: