新闻详情

ئاددىي قەلب بىلەن يولنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بۇلىدۇ

发表时间:2021-04-22 12:23作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

      3- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئەسلىدە ئادەتتىكى بىر كۈن ئىدى، لېكىن بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى لاۋما بۇ كۈننى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىدى. چۈنكى شۇ كۈنى، ئۇ «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» ناملىق لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئاۋدى A4L تىپلىق مودا ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنداق خۇشاللىنارلىق ئىشلار ناھايىتى تېزلا توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى لاتارىيەچىلەر تەرىپىدىن ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا تارقىلىپ، ما جاڭلىن ناھايىتى تېزلا كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىدىكى «تەلەيلىك بالا» بولۇپ قالدى.

لاۋما پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ كونا مەستانىسى بۇلۇپ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى بۇلۇپ، پات-پات پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە تال ئېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتى. پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى قىرىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش قىزىقىشى بولۇپ، ھەر قېتىم بەك كۆپ ئەمەس، پەقەت ئۈچ-تۆت دانە لاتارىيە بېلىتى ئۇنىڭ كەيپىياتىنى پۈتۈنلەي   جانلاندۇرۋېتەتتى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى دورا ئىدى.

3- ئاينىڭ 26- كۈنى، لاۋما ئىشتىن چۈشۈپ توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى يۇڭشېڭ مېھمانخانىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ سىرتقى بېلەت سېتىش تور نۇقتىسىغا بېرىپ، ئالدى بىلەن بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، ئاندىن ئۆيىگە قايتماقچى بولدى، ئۇ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى كۆرگەزمە قۇتىسىنى بىر قۇر كۆرۈپ، ئالدى بىلەن قىممىتى 20 يۈەنلىك «ئالتە بەخت خۇشاللىق» تىن ئىككىنى قىرىپ، تەلەي سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن ئامەت دەرھال كەلدى، لاۋما بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىنلا ئاۋدى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۇنجى ئىنكاسى خۇشاللىق، ھاياجانلىنىش بولىدۇ، ئەمما بۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاۋما ناھايىتى تەمكىن بولۇپ: « ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئەزەلدىن ئۈمىد كۈتمىگەن، بەلكىم ئاددىي قەلب بىلەن يولنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، چوڭ مۇكاپات ئۆزى كىلىش مۇمكىن! بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا كەمتەرلىك بىلەن ئىش قىلىش كېرەك. بەك خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

12.png

分享到: