新闻详情

ئۇ چۈشىدە سان كۈرۈپ ئەتىسى دو تىكىپ مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-22 16:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

قوش رەڭلىك توپ ئىزچىل لاتارىيە بازىرىدىكى ئاۋىياماتكا دەپ تەرىپلىنىپ كەلدى، يېقىنقى مەزگىلدە شىنجاڭ رايونىدا غەلىبە خەۋەرلىرى كەينى ـ كەينىدىن تارقىلىپ، ھەرقايسى جايلاردا چوڭ مۇكاپاتلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، كاتتا مۇكاپات شىخەنزە شەھىرىدىن چىقتى، 65030059 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى پۇقرا لى ئەپەندى بىر دو 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى دە 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 7104958 يۈەن بولدى.

13.png

4- ئاينىڭ 5- كۈنى بۇ كۈنى كەچتە، لى ئەپەندى چۈشىدە 11، 26 دىن ئىبارەت بۇ ئىككى رەقەمنى كۆردى، سەھەر تۇرغاندا چۈشىدىكى مەنزىرە ئاللىقاچان ئېسىدە قالمىغان بولۇپ، پەقەت مۇشۇ ئىككى رەقەملا كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن ئىدى، ئۇ بۇنى بىر خىل ئىلھام دەپ ھېس قىلدى، چۈشىدە بۇ ساننى كۆرگەن ئىكەن، ئۇنداقتا دەرھال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ دەلىللەش كېرەك ئىدى. بىراق، بۇ چاغدا ئۇنىڭ يەنە بېشى قاتتى، ئىككى سانمۇ بىر نومۇرغا يەتمەيتتى! شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىككى رەقەمنى ئاددىي تىزىپ گۇرۇپپىلاشنى ئويلاپ، ئۇنى بىر دو قوش رەڭلىك روپ 8 + 3 قايتىلانما بېلەت قىلىپ تۈزگەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ 168 يۈەنلىك بېلەتتىن بىر دو 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات ، ئىككى دە 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە باشقا كىچىك مۇكاپاتلار چىقتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 7104958 يۈەن بولدى.

4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، لى ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، ئۆزىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ھاياجانلانغانلىقىدىن كېچىچە كىرپىك قاقمىغانلىقىنى، يەنە شۇ كۈنى ئىككى دوستىنى ئۆزى بىلەن بىللە سېتىۋېلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن دوستى ئادەتتە لاتارىيە بېلىتى ئوينىمىغاچقا رەت قىلغانلىقىنى، «ھازىر ئۇلارنىڭ بەك پۇشايمان قىلىدى ھەقىچان»- دېدى لى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئادەتتە سېتىۋالغانلىرىنىڭمۇ كۆپ ئەمەسلىكىنى، ئاندا-ساندا تاللاپ قويىدىغانلىقىنى، ھەتتا كىچىك مۇكاپاتقىمۇ ئانچە كۆپ ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم چۈش كۆرگەچكە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى، بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ!

(شىخەنزە جاڭفەن)

14.png

分享到: