新闻详情

ئامەتلىك ياش يىگىت مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-22 18:47作者:ئەلكۈي تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پىلاكاتلار ئېسىلدى، پوجاڭزىلار ئېتىلدى، پىچان ناھىيەسىنىڭ ئىناق باغچا دەرۋازىسى ئالدىدىكى 65218005 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى دەرۋازىسى ئالدىدا نۇرغۇن يولۇچىلار توختىدى، ئەسلىدە بۇ جايدا بىر مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىققان ئىدى. لاتارىيە سېتىۋېلىش گەرچە پاراۋانلىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بولسىمۇ، لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشىش يەنىلا كۆپ ساندىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ئارزۇسى، گەرچە مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، لاتارىيەچىلەر يەنىلا بىر سەپتە تۇرۇپ لاتارىيە سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارزۇسى بار، ناۋادا بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالسىچۇ.

4- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىكار يۈرىدىغان 80- يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت شياۋليۇ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۇ دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان 6521805 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا رەڭگارەڭ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان « 100 يىللىق شانلىق نەتىجە» نى كۆرىپ قىززىقىپ قالدى. شياۋليۇ بۇنىڭ يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان 20 يۈەنلىك بېلەت تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى مەدھىيەلەش باش تېمىسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئىكەنلىكىنى بىلىدى، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن « 100 يىللىق شانلىق نەتىجە» دىن بىرنى سېتىۋېلىپ ياتاققا ئېلىپ كىرىپ، ئاستا-ئاستا ئىنچىكىلىك بىلەن قىرىشقا باشلىدى.

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، شياۋليۇ يەنە 6521805 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا قايتىپ، يانچۇقىدىن بىر پارچە « 100 يىللىق شانلىق نەتىجە» نى چىقىرىپ ساتقۇچىغا بەردى، ساتقۇچى تەپسىلىي قاراپ، « مۇكاپات نومۇرى«24» لاتارىيە بىلىتى يۈزىدىكى «مېنىڭ نومۇرۇم» دە پەيدا بولغانلىقىنى كۆردى، تۆۋەندىكى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن ئىدى. مال ساتقۇچى خادىم قايتا ـ قايتا جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىققانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندە، ئىككىيلەن خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتى. شياۋليۇ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئىشىنى سورىغاندىن كېيىن، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئالدىراپ-تېنەپ ئايرىلدى.

4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، شياۋليۇ ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى:«كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ چاغدا مەن گاڭگىراپ قالدىم، ھاياجانلىنىپ ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن، بۇنچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، ئامەت كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى». شياۋليۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا: « مەن غۇلجا ناھىيىسىدىن، پىچانغا ئىشلىگىلى كەلگىلى ئۈچ يىل بولدى، بۇلتۇر چاغاندا ئۆيگە قايتمىدىم. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ غۇلجىغا قايتىپ ئاتا ـ ئانامنى يوقلايمەن، ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغاچقا، ئاتا ـ ئانامغا جاۋاب قايتۇرالمىغانلىقىدىن ناھايىتى خىجىل بولىمەن. ھازىر خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانامغا ھەمراھ بولۇش بىلەن بىرگە، ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلى بىلەن بىر تۈرگە مەبلەغ سېلىپ سودا قىلىپ، ئاندىن توي قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن.»-دېدى.

(تۇرپان گاۋمياۋ)

15.png

分享到: