新闻详情

كىچىك تىجارەتچى“¥500,000” كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-23 12:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

   4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى ئالدىدىكى سىرتتا سېتىش تور نۇقتىسىدا، ئوتتۇرا ياشلىق بىر يىگىت قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «تيەنشيەنپېي» نىڭ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 500 مىڭ يۈەن بولدى.

يېقىندا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ما ئەپەندى ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ئىگىلىنىشىچە، ما ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «سادىق مەستانىسى» بولۇپ، ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىغا ئامراق ئىكەن، چۈنكى ھۇزۇرلىنىش سىرى ئۇنىڭ قولىدا ئاستا-ئاستا ئاشكارىلانغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقنى تۈگىتەلەيدىكەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ما ئەپەندى ئېرىشكەن كىچىك مۇكاپاتلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن بىردىنبىر ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئۇ ئەزەلدىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان، لېكىن ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، بىر پارچە «تيەنشيەنپېي» ئۇنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، ما ئەپەندى ئۆيگە قايتىپ غۇلجا شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ بېلەت سېتىش تور نۇقتىسىغا باردى، بېلەت كۆرگەزمە قېپىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ قىممىتى 20 يۈەنلىك «تيەنشيەنپېي» دېگەن خەتنى تاللىدى، ئارقىدىن تاقەتسىزلىك بىلەن قىرىشقا باشلىدى، ئۇ بېلەتتىكى « ئويناش ئۇسۇلى 3» نى قىرغاندا، ئىككى ئوخشاش سۈرەت كۆزگە چېلىقتى، ما ئەپەندى   خۇشاللىق ھېس قىلدى، ۋە مۇكاپات سوممىسىغا قارىدى- “¥500,000” . ما ئەپەندى گەرچە «ئۇزۇن مەزگىل جەڭگاھتىن ئۆتكەن» لاتارىيەچى بولسىمۇ، ئۇ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقىمۇ ئۈمىد باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن كاتتا مۇكاپات كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى، كۆپ قېتىم قايتا-قايتا سېلىشتۇرسىمۇ يەنىلا راست ئەمەستەك ھېس قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مال ساتقۇچىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ 500 مىڭ يۈەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندى.

ما ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن بۇ خىل قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ھەمراھ بولىدىغان كۈنلەر ھەمىشە خۇشاللىققا تولىدۇ، بۇ مۇكاپات چوقۇم مەندەك بىر كىچىك تىجارەتچىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ! »-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

16.png

分享到: