新闻详情

پېنسىيەگە چىققان ئىشچى لاۋ چېن 200 مىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-23 16:24作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4-ئاينىڭ 12-كۈنى نىلقا ناھىيەسىدىكى لاۋ چېن « نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» لاتارىيە بېلىتى بويىچە 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، لاۋچېن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى بولۇپ، لاتارىيە بىلتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى، ئۇ دائىم يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە بېلىتى ئۇنىڭغا قىزىقارلىق بولۇپلا قالماي، يەنە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە مېھرىبانلىق يەتكۈزىدۇ، بۇنى بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوققانلىق دېيىشكە بولىدۇ.

     4- ئاينىڭ 12- كۈنى، لاۋ چېن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلدى، ئۇ نىلقا ناھىيەسىنىڭ 65410266 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر پارچە «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، يەنە بىر نەچچە پارچەقىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى، ئۇ« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇن نومۇرىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى بېلەت قىرىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر قەدەر يېڭى بولغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى يىڭى لاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى. لاۋچېن بىر قۇر كۆزەتكەندىن كىيىن، نىشاننى قىممىتى 10 يۈەنلىك «نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» لاتارىيە بېلىتىگە بېكىتتى. ئۇدا ئىككى پارچە قىرغان بولسىمۇ مۇكاپات چىقمىدى، ئۈچىنچى پارچىسىنى قىرغاندا مۇكاپات سوممىسى 200 مىڭ يۈەن دېگەن خەتلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى، لاۋ چېن خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي كۈلۈپ كەتتى: « كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شۇنچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپتىمەن، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بەك خۇشال بولدۇم! ھې ھې!»-دېدى.

يېقىندا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاۋ چېن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ياش ۋاقتىمدا مەن بىر "ياخشى ھەرىكەت قىلىدىغان" ئادەم ئىدىم، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەتىدىن ـ كەچكىچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقماسلىقنى تېخىمۇ خالىمايتتىم، شۇڭا ھەر كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا بېرىپ كۆرۈپ، كونا لاتارىيەچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى. لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ماڭا نىسبەتەن ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش بولۇپلا قالماي، يەنە پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئاددىي تۇرمۇشۇمغا نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدىغان بىر ياخشى ئىش. ئەگەر بۇ خىل قىزىقىش بولمىغان بولسا، بىزنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز بۇنچە مول مەزمۇنلۇق بولمىغان بولاتتى!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

17.png

分享到: