新闻详情

سانجىدىكى لاتارىيەچىلەر بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-23 18:26作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4- ئايدا ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ، سانجى ئوبلاستىدا «شادلىق 8» ئۇيۇنىنىڭ خۇش خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي كەلدى. يېقىندا سانجى شەھىرى ياجۇڭ سودا شەھەرچىسىگە جايلاشقان 65238009 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى يەنە ھەيران قالارلىق ئىشلارنى قىلدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچىلەر بىرلىكتە سېتىۋالغان «شادلىق 8» نىڭ بەشنى تاللاش ئويناش ئۇسۇلى «دەن 4 چۈەن تو» دا 17260 يۈەن مۇكاپات چىقتى.

65238009 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، « شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، بۇ پونكىتتىكى نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر بەس-بەستە سېتىۋالغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنىڭ شۇنچە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىرلىشىپ سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، لاتارىيەچىلەر ئەڭ ئاخىرىدا بىر قەدەر مودا بولغان دو تىكىش ئۇسۇلىنى، يەنى «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى تاللىدى. سېتىۋېلىش جەريانىدا، بىر نەچچە قېتىم دەنما مۇقۇمداش خاتالىقى تۈپەيلىدىن، لاتارىيە سېتىۋېلىش ئەترىتى كىچىك مۇكاپات بىلەن ئاخىرلاشتى، لېكىن ئۇلار ۋاز كەچمەي، ئاخىرى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى تۆت تال دەنمانىڭ ھەممىسى چىقتى، ۋە بەختكە يارىشا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات چىقتى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان مال ساتقۇچى لاتارىيەچىگە يۇقىرى ئاۋازدا: « نەچچە قېتىم مەغلۇپ بولدۇق، بۇ قېتىم بىز ئۇتتۇن، بىز غەلىبە قىلدۇق! مۇكاپات چىقىپتۇ!»-دېدى، دەسلەپتە نۇرغۇن كىشىلەر چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىگە ئىشەنمىگەن، لېكىن كۆز بىلەن كۆرگەن ئەمەلىي ئەھۋال، بېلەتنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، باشقا لاتارىيەچىلەر تۇيۇقسىز روھلىنىپ، تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ، بىرلىشىپ سېتىۋېلىشقا باشلىغان.

(سانجى لى پېڭۋېي)

18.png

分享到: