新闻详情

پېنسىيەگە چىققان لى تاغا پاراۋانلىق لاتارىيە ئويناشنى ئۆگەندى

发表时间:2021-04-25 11:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


كونىلاردا « قېرىغىچە ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن گەپ بار. ئۇچۇر دەۋردە، ھامان پۈتمەس-تۈگىمەس بىلىم بىزنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئەگەر ئۈگىنىش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنسا، ئۇ تېخىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ.

ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى لى تاغا، مىجەزى ئۇچۇق ناھايىتى ئىللىق ئادەم. ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ساياھەت قىلىش ھەۋىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى، ئۇ ھەر كۈنى بىر نەچچە دوستىنى تېپىپ كۆڭۈل ئېچىپ، بەزىدە ئايالى بىلەن سەيلە قىلىپ تۇردى. بىر قېتىم قوشنىسى بىلەن قارتا ئويناۋاتقان چاغدا، لى تاغا قوشنىسىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى 3D ئويۇنىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، نومۇرنى قانداق تاللاش، قانداق دو تىكىش، يۆنىلىش خەرىتىسىگە قانداق قاراش توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىدى. بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېكايە ئاڭلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، پۈتۈنلەي چۈشەنمەيتتى، لېكىن لى تاغا جاھىللىق بىلەن يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيتتى، چۈشەنمىسىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاڭلاپ ئۆگىنەتتى، قوشنىلىرىنىڭ پاراڭلىشىش كەيپىياتىغا سىڭىپ كىرىشنى ئويلايتتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، لى تاغا 3D ئويۇنىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە ئويناش ئۇسۇلى بىلەن ئاستا-ئاستا تونۇشۇشقا باشلىدى.

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، لى تاغا بىر نەچچە دوستى بىلەن ۋۇجياچۈ شەھىرى 65452323 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك بىردەك لى تاغىنىڭ تاللىغان نومۇرى « 902، 920» نى ئەڭ ياخشى دەپ قاراپ، دەرھال بىرلىكتە سېتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى. ئۇلار« 902، 920» گە 20 ھەسسە دو تىكتى، يەنە « 902» گە بەش ھەسسە دو تىكتى. مۇكاپات نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، دەرۋەقە كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئۇلار جەمئىي 26 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ھەر بىر ئادەمگە 6500 يۈەندىن مۇكاپات بېرىلدى.

لى تاغا مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى مۇكاپات گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىر قانچە ياشانغان كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى قۇرداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىش خۇددى مېۋىلىك كۆچەت تىككەنگە ئوخشايدۇ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلغاندىلا، مېۋىلىك دەرەخلەر ئاندىن چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ.»

(سانجى يەنخۇڭتاۋ)

1.png

分享到: