新闻详情

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى مەي ئەپەندى 273727 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-25 14:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى پاراۋانلىق لاتارىيەدىى ئاۋىياماتكا بولۇشقا مۇناسىپ بولۇپ، ھەر قاراردا لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. 3 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 65310278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى مىنمەي ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بەختكە يارىشا 273727 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مەي ئەپەندى «پىشقەدەم» لاتارىيەچى بۇلۇپ، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ «سادىق مەستانىسى» ئىكەن. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: « مەن بۈگۈن چېسلاغا قانچە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكىم مۇمكىن. لېكىن مەن چوقۇم بۈگۈن قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات ئېچىلىش ياكى ئېچىلماسلىقىنى بىلىمەن». 3- ئاينىڭ 30- كۈنى، دەل قوش رەڭلىك توپنىڭ مۇكاپات ئېچلىش كۈنى، مەي ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65310278 پاراۋانلىق لاتارىيە بېكىتىگە كەلدى، چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا، دەل «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنىڭ سېتىلىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، مەي ئەپەندى كىرىپلا لاتارىيەچىلەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى، ناھايىتى كۈڭۆللۈك پاراڭلاشتى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ كۆڭۈلدىكى «قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنى تاللاپ، مال ساتقۇچىغا بېرىپ: « مانا مۇشۇ، 10 + 1 بىرىكمە، بىر ھەسسە دو تىكىمەن»-دېدى. مال ساتقۇچى چەبدەسلىك بىلەن بېلەتنى مەي ئەپەندىگە سۇنۇپ بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتىنى ئوبدان سېلىشتۇرۇپ بېقىشنى، چوڭ مۇكاپاتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقنى تاپىلىدى. مەي ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ «بۈگۈن ناھايىتى ياخشى ھېس قىلىۋاتىمەن، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم مۇمكىن.»-دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە، مەي ئەپەندى يان تېلېفون ئارقىلىق لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرۇپ، تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى، ئويلىمىغان يەردىن ئالتە قىزىل توپقا چىققان بۇلۇپ، گەرچە بىر نومۇر خاتالىق سەۋەبلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 273727 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى! خۇشاللىق بەك تۇيۇقسىز يۈز بەردى، ھاياجانلىنىپ كەتكەن مەي ئەپەندى دەرھال ئۆيىدىكىلەرگە بۇ زور خۇش خەۋەرنى دوكلات قىلدى!

ئەتىسى سەھەردە، مەي ئەپەندى قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ 273727 يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئالدى، مۇكاپات ئالغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: « قوش رەڭلىك توپ ھەقىقەتەن مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى، ئاخىر كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھاھاھا! ئاخشام بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، بۈگۈن ئاخشام خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان بولدۇم، كونىلار شۇنداق بىر گەپ بار، تاغارنىڭ چۈشۈپ كەتسە بىخەتەر بۇلىدۇ!»-دېدى.

( قەشقەر تاڭشياۋرۇڭ )

2.png

分享到: