新闻详情

ئامەت كەلسە تۇسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا 5502610 يۈەن مۇكاپات چىقتى

发表时间:2021-04-25 18:51作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، تەلەيلىك لاتارىيەچى شياۋ ئەپەندى ئايالى بىلەن بىللە شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە پەيدا بولۇپ، ۋە ئۆزىگە تەۋە بولغان قوش رەڭلىك توپ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 5502610 يۈەن بولدى. مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتى تىلغا ئېلىنغاندا، شياۋ ئەپەندى خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « مەن نومۇرنى تەتقىق قىلىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، بەزىدە ۋاقتىم چىققاندا ئاندىن بىر نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، ھەممىسى يۆنىلىش خەرىتىسىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان نومۇرلارنى تاللاپ سىناپ باقىمەن.»-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، شياۋ ئەپەندى قوش رەڭلىك توپ مەستانىسى ھېسابلانمايدىكەن، گەرچە ئۇ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بوش ۋاقتىدىلا بىر نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن. ئۇ ئادەتتە 10 يۈەن خەجلەپ بەش دو يەككە نومۇر تاللايدۇ، ئىلگىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 يۈەنلىك تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇ قېتىم ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى! بۇ قېتىمقى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تىلغا ئېلىنسا، شياۋ ئەپەندى يەنىلا ئۆزىگە بۇنچە كاتتا مۇكاپات چىققانلىقىنى چۈشتەكلا ھېس قىلىدۇ.

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى كەچتە، تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىۋاتقان شياۋ ئەپەندى ئاقسۇ شەھىرىدىكى 65290240 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ھازىرچە باشقا ئىشى يوقلىقىنى ئويلاپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ يۆنىلىش خەرىتىسىگە قاراپ نومۇر تاللاشنى قارار قىلدى. پونكىت ئىچىدىن نومۇر تاللىغاندا، شياۋ ئەپەندى كۆڭلىگە ياقىدىغان نۇمۇرنى تاپالمىدى، شۇنداق بولسىمۇ ئالدىنقى قاراردا تاللىغان 5 دو قوش رەڭلىك توپ نومۇرىنى يەنە بىر قارار دو تىكمەكچى بولدى. لاتارىيە بېلىتىنى يانچۇقىغا سالغان شۇ پەيتتە، شياۋ ئەپەندى ئۆزىمۇ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك.

«شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچلىش جەريانىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم، ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تورغا چىقىپ سېلىشتۇرۇش ئېسىمگە كەلدى، تەكشۈرۈپ بۇلۇپ ھەريان قالدىم چۈشتەك ھېس قىلدىم، تەلىيىم كېلىپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! »ـــ دېدى شياۋ ئەپەندى ئەسلەپ. شياۋ ئەپەندى مۇكاپات چىققانلىقىنى ئىنىق بولغاندىن كېيىن تېلېفون قىلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئىشلىرى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى، يەككە لاتارىيە بېلىتىنىڭ 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتنى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ نەقلەشتۈرىلىدىغانلىقىنى كېيىن، ئايالى بىلەن مۇكاپات ئالغىلى بېرىشنى مەسلىھەتلەشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلدى.

مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا شياۋ ئەپەندى ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا ئاددىي ھەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ئاقسۇ فەنيەنچى)

3.png

分享到: