新闻详情

ئامەتلىك موڭغۇل يىگىت باتېر 37440 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-26 12:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى مۇكاپات نەقلەشتۈرىدىغان بىر لاتارىيەچىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ تەلەيلىك موڭغۇل يىگىت باتېر ئىدى. باتېر پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: « بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىم ئۆزۈم تاللىغان نومۇرغا بولغان ئىشەنچ ۋە چىڭ تۇرۇشۇمنىڭ نەتىجىسى.»-دېدى.

ئەسلىدە، 4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتە، باتېر كورلا شەھىرىدىكى 65280275 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا «3D» ئويۇنى ئويناۋاتقاندا، ئۆيىدە ئىش چىقىپ قالغان سەۋەبلىك دەرھال ئۆيىگە قايتماقچى بولدى. باتېر ئامالسى بىر دو نۇمۇر «340» تاللاپ چىقىپ، 15 ھەسسە يەككە شەكىلدە دو تىكتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باتېر ئۆي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، چۈشتە سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىنى يەنە قولىغا ئېلىپ، ئۇياق-بۇياققا قاراپ، قارىغانسېرى مۇكاپات چىقىدىغاندەك ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە 65280275 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، « 340» دېگەن بۇ نۇمۇرغا يەنە 10 ھەسسە ۋە 11 ھەسسە يەككە شەكىلدە دو تىكتى.

كەچ سائەت توققۇز يېرىم ئەتراپىدا، ئۆيىدە تاماق يەۋاتقان باتېر مال ساتقۇچىنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ قارار مۇكاپات نومۇرىنىڭ «340» ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. باتۇر ناھايىتى تېزلا توردىن مۇكاپات نۇمۇرىنى تەكشۈردى، دەرۋەقە مال ساتقۇچىنىڭ دېگىنىدەك، ئۆزى 36 دو «3D» ئويۇنى يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 37440 يۈەن بولدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، باتېر ھاياجېنىنى باسالماي، ھاياجانلانغان ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:«قارىغاندا "تۇيغۇ" دېگەن بۇ نەرسە ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئىكەن، ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكەن، ئېنىق بىلگىلى بولمايدىكەن، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىكەن، لېكىن بۇ تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

4.png

分享到: