新闻详情

ۋاڭ ئەپەندى قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنىدا 158599 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-26 16:20作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

شىخەنزىدىكى 121 ـ تۈەندە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ ئەپەندى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا ھەمىشە 65030026 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتقا بېرىپ ئولتۇرۇپ، بىر نەچچە دو قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى، شادلىق 8 ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، ۋاقىتنى خۇشال ـ خۇرام ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۇ 65030026 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئىلھام كېلىپ، دەرھال بىر تەرەپتىن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىگە كىرىدى ۋە بىر تەرەپتىن كۆڭلىدىكى نومۇرىنى قايتا قايتا ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ مال ساتقۇچى شياۋدۇغا مۇنداق دېدى: « تېز كېلىپ ماڭا ياردەملىشىپ ئۈچ دو قوش رەڭلىك توپ نومۇرى ئۇرۇپ بېرىڭ، مەن سەل تۇرۇپ ئۇنتۇپ قېلىشتىن قورقىمەن!»-دېدى، مال ساتقۇچى دەرھال لاتارىيە بېلىتىنى كىسىپ بولغاندىن كېيىن مەسخىرە قىلىپ: ـــ«ۋاڭ ئاكا، بۈگۈن مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان قىلىسىز جۇمۇ! مەن سىزنى ئالدىن تەبرىكلەيمەن!»-دېدى.

لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلەتنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئارقىدىنلا سەيلە قىلىپ ئۆيىگە قايتتى، 3-ئاينىڭ 28- كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندا، ئۇ لاتارىيە نومۇرىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ، كۆك توپ نومۇرى بىلەن ئۇ سېتىۋالغان ھېلىقى ئۈچ دو نۇمۇرنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقاپ، بىردىنلا روھسىزلىنىپ كەتتى، ئۇ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن ئىدى! قىزىل رەڭلىك توپنى سېلىشتۇرماقچى بولغاندا، ئايالى ئۇنى قاچا يۇيۇشقا چاقىردى، ئۇ لاتارىيە بېلىتىنى يەنە بىر قېتىم يانچۇقىغا سېلىپ، بۇ ئىشنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ كۈنىدىكى مۇكاپات ئۇچۇرى دو تىكىش ماشىنىسىدا ئېلان قىلىندى، 65030026 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى شياۋ دۇ ئۆزىنىڭ پونكىتىدىن 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا چىققانلىقىنى بايقاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئىككى كۈندىن كېيىنمۇ مۇكاپات نەقلەشتۈرگىلى ھېچكىم كەلمىدى، 30-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى يەنە 65030026 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، شياۋدۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئالدى. ۋاڭ ئەپەندى بېشىنى بىر ئۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتىنى تېخى سېلىشتۇرمىغانلىقىنى ئىسىگە كەلدى، ئۇ دەرھال بېلەتنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دو نومۇرىنىڭ قوش رەڭلىك توپ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، مۇكاپات پۇلىنىڭ 158599 يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ۋاڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « مەن ھەقىقەتەن بەك قالتىس ئىكەنمەن، 158599 يۈەننى يانچۇقۇمغا سېلىپ قويۇپ بىر نەچچە كۈن يۈرۈپتىمەن، ھېلىمۇ ياخشى بۇ بىر نەچچە كۈندە كىر يۇيماپتىمەن، بولمىسا بەك پۇشايمان قىلاتتىم!»-دېدى.

(شىخەنزە جاڭفەن)

5.png

分享到: