新闻详情

نۇرى ئەپەندى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىدا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-26 18:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنى بىلەن ئاپئاق بۇلۇتلار ئارىلىشىپ، قۇياش نۇرى چاقناپ تۇراتتى، بۇ ئاددىي كۈن بۈگۈر ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى نۇر ئەپەندى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خۇشاللىققا تولغان بەخت كۈنى ئىدى، چۈنكى ئۇ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 65285003 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى «نۇقتا توپ مۇسابىقىسى» دە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 200000 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، نۇرى ئەپەندى پىشقەدەم لاتارىيەچى بۇلۇپ، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئۇ دائىم بارىدىغان بۈگۈر ناھىيەسى مەدەنىيەت يولى لىدۇ مېھمانخانىسى بىناسىنىڭ ئاستىدىكى 65285003 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، مال ساتقۇچى جاڭ خانىمنىڭ «شادلىق 8» ناملىق چامباشچىلىق مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالدى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، بىردىنلا روھلىنىپ كەتكەن. مال ساتقۇچى جاڭ خانىم تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: « سىز لاتارىيە بېلىتى ئۈچۈن كەلگەن ئىكەنسىز،   "نۇقتا توپ جېڭى" نى سىناپ بېقىڭ. پائالىيەت باشلانسا، مەن سىزگە خەۋەر قىلاي.»-دېدى، نۇرى ئەپەندى : كەلگەن ئىكەنمەن، بىر نەچچە پارچىنى ئېلىپ سىناپ باقاي دەپ ئويلىدى، ۋە تۆت دانە « نۇقتا توپ جېڭى» لاتارىيە بېلىتى تاللاپ ئەستايىدىلللىق بىلەن قىرىشقا باشلىدى.

نۇرى ئەپەندى «نۇقتا توپ جېڭى» نىڭ ئويناش قائىدىسى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، ئۇ تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىن كىرگەن توپ سانىنىڭ بىرىنچى مەيدانى، ئىككىنچى مەيدانى، ئۈچىنچى مەيدانى... تۆتىنچى مەيدانىغا كەلگەندە... مەن پەرەز قىلغان توپنىڭ سانى « 6» ، مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ سانىمۇ « 6» بولدى، نۇرى ئەپەندى گۇماندا بولدى، كۆڭلىدە بۇ مۇكاپات چىققان ھېسابلىنامدۇ؟-دەپ ئويلىدى. ئۇ مال ساتقۇچىغا كۆرسەتتى، مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا بىرلا قاراپ قويۇپ ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ ئاغىنە، بۇ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، ساڭا 200 مىڭ يۈەن چىقىپتۇ ـ دە! » -دېدى.

تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەت ئالدىدا، نۇرى ئەپەندى تەمتىرەپ قالدى، ئۇ دەرھال: « مەن ئۆيدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ، بۇ كاتتا خۇش خەۋەرنى ئۇلارغا ئېيتىشىم كېرەك، شۇنداقلا ماڭا بۇنداق ياخشى ئامەت ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت! »-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

6.png

分享到: