新闻详情

ئۆگىنىشنىڭ چېكى بولمايدۇ، كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، كۆپ تەتقىق قىلىش كېرەك

发表时间:2021-04-27 13:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كونىلاردا:«ئادەتتىكى كىشىلەر چىدالمىغان ئىشقا چىدىغاندىلا، ئاندىن ئادەتتىكى كىشىلەر ئېرىشەلمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ» دېگەن گەپ بار. دۇنيادا ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىككى سۆز بار، ئۇنىڭ بىرى جاھىللىق، يەنە بىرى ئەستايىدىللىق. ئەستايىدىل ئادەم ئۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، جاھىل ئادەم تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى لاۋلى ئۈچۈن ئېيتقاندا تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان كۈن ئىدى، شۇ كۈنى ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى «3D» ئويۇنى ئويناپ، ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان سان «3» گە 30 ھەسسە دو تىكتى، ئويلىمىغان يەردىن 31200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، لاۋ لى كەم-كۈتسىز تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى ئىكەن. ئۇ دائىم لاتارىيە بازىرىدىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە ھەر كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، لاتارىيە سېتىۋېلىشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. بەزىدە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا يېرىم كۈن ئولتۇرۇپ، نۇمۇر يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، لاتارىيەچىلەر بىلەن ماھارەت سىنىشىپ، ئاندىن سېزىمىگە ئاساسەن نومۇر تاللاپ دو تىكەتتى.

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لاۋ لى بىكار بولۇپ، دائىم لاتارىيە سېتىۋالىدىغان سانجى شەھىرىدىكى 65230152 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ يۈزلىنىشىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، 3 نىڭ يېقىندا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى، ئۆزىمۇ 3 نى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى، كۆپ يىللاردىن بۇيان لاتارىيە سېتىۋېلىپ يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبە ۋە بىۋاسىتە سېزىمىگە ئاساسەن، ئۇ قول سېلىش پۇرسىتى كەلدى دەپ قارىدى. دەسلەپتە لاۋلى 10 ھەسسە نومۇر ئالدى، ئەمما سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئويلىغانسېرى سېزىمى ناھايىتى ياخشى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇلۇپ دۇكانغا كىرىپ يەنە 20 ھەسسە ئاشۇردى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى لاۋ لىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېدى: « لاۋ لى ئىنتايىن سىرلىق بىر لاتارىيەچى، پەقەت بەزى ۋاقىتلاردا سىزىمى ياخشى بولۇپ قالسا نومۇر ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىزچىل "3" دېگەن بۇ سانغا قىزىقىشى ناھايىتى ياخشى.»-دېدى.

مۇكاپات ئالغاندا، نومۇر تاللاش ماھارىتىنى سورىغاندا، لاۋ لى كەمتەرلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « مەن دائىم <3D> نىڭ يۈزلىنىشىنى كۆزىتىمەن، يەنە دائىم بۇرۇنقى نۇمۇرلارنى ئەسلەپ چىقىمەن، قىممەت، چات ئارىسى، ئىسسىق-سوغۇق نومۇرلاردىن ئۈزلۈكسىز ئالاھىدىلىك ئۈستىدە ئىزدەيمەن. ئۆگىنىشنىڭ چېكى بولمايدۇ، كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، كۆپ تەتقىق قىلىش، لاتارىيە بېلىتىنى كۆپ سېتىۋېلىش كېرەك.»-دېدى.

(سانجى سۈن شۇرېن)

7.png

分享到: