新闻详情

لاتارىيەچى : باشقىلارغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلساڭ، قولۇڭدا كۈجە قالىدۇ

发表时间:2021-04-27 16:14作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، 3D ئويۇنىنىڭ 2021100 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى 877 بولدى، گۇچۇڭ ناھىيەسى 65230210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى جۇ ئەپەندى يەككە تاللاش گۇرۇپپىلاش ھەسسىلەپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 31200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇ ئەپەندى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئىزچىل 3D ئويۇنىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان. 4-ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۇنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشقا بولغان سىزىمى يامان ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 65230210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئالدىن كۆرۈپ بولغان نومۇرنى يەككە تاللاش، بىرىكمە دو تىكىش ئۇسۇلى بىلەن ئالدى بىلەن 15 ھەسسە دو تىكىپ، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، يەنە 15 ھەسسە قوشتى، ئويلىمىغان يەردىن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، 31200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، جۇ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقىلى كۆپ يىل بولدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ 3D ئۇيۇنى مېنىڭ كۈندىلىك زۆرۈر بولغان "دەرىسىم"، مۇكاپات چىقسا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، مۇكاپات چىقمىسا جەمئىيەتكە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىپ، باشقىلارغا ياردەم قىلغان بولىمەن، "باشقىلارغا گۈل سوۋغا قىلساڭ قۇلۇڭدا گۈلنىڭ پۇرىقى قالىدۇ" دەيدىغان گەپ بار.»-دېدى.

(سانجى تېڭيەنجياۋ)

8.png

分享到: