新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋ جاۋ 5516446 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-27 19:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنىدا 5510000 يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى!

كاتتا خۇشخەۋەر! سانجىدىكى لاتارىيەچىگە يەنە مۇكاپات چىقتى! ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتتا چوڭ مۇكاپات! بۇ، 2021 ـ يىلى سانجى لاتارىيەچىلىرى ئېرىشكەن تۆتىنچى دو قوش رەڭلىك توپ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتى بولۇپ قالدى!

9.png

تەلەيلىك لاتارىيەچىلەر مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھېكايىلىرى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر تۇغۇلغان كۈنى، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئارقىلىق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بەزىلەر يۈزلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، نومۇرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بەزىلەرنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاشقا تايىنىپ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ياش يىگىت شياۋجاۋ دەل مۇشۇنداق بىر لاتارىيەچى، ئۇمۇ تەلەيگە تايىنىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بىراق دو تىكىش ماشىنىسى ئارقىلىق نۇمۇر تاللىماستىن، بەلكى يان تېلېفونىدىكى قوش رەڭلىك توپ نومۇرى ھەرىكەتچان رەسىمدىن پايدىلىنىپ نۇمۇر تاللاپ، قوش رەڭلىك توپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 5516446 يۈەن بولدى.

مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شياۋجاۋ 65230239 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ «دائىملىق مېھمىنى» بولۇپ، دائىم قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ئوينايدىكەن، كومپيۇتېر بېلىتىنى ناھايىتى ئاز سېتىۋالىدىكەن. 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، شياۋ جاۋ بېلەت ئېلىۋاتقاندا، بىر قىسىم لاتارىيەچىلەرنىڭ بىر پارچە قوش رەڭلىك توپ ھەرىكەتچان رەسىمدىن پايدىلىنىپ نومۇرى تاللاۋاتقانلىقىنى، رەسىمدىكى نومۇرىنىڭ ئىختىيارىي چىقىدىغانلىقىنى، رەسىم كېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نومۇر تاللاشنى بەلگىلىيەلەيدىغانلىقىنى كۆرگەن. ـــ «بۇ بەك مەنىلىك ئىكەن! »ــ دېدى شياۋجاۋ كۆڭلىدە. شۇنىڭ بىلەن سىناپ بېقىش مەقسىتىدە رەسىمدىكى تۆت پارچە نومۇرنى كېسىپ ئېلىپ دو تىكتى، ئەڭ ئاخىرىدا 4 دو 7 + 1 قايتىلانما دو تىكىش ئارقىلىق شۇ كۈندىكى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇردى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ تۆت دو نومۇرىدىن بىر دوغا قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى.

10.png

مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى شياۋجاۋ ھەقىقەتەن ھەيران قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدى، 5 مىليون 510 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ قايتا ـ قايتا سېلىشتۇرۇپ جەزملەشتۈردى، شۇندىلا بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەندى. مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، شياۋ جاۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ خۇشاللىق ناھايىتى تۇيۇقسىز كەلدى، مەن ھازىرغا قەدەر خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، بۇ مۇكاپات پىلانىنى مەن تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللاپ، ئۆزۈمنىڭ داۋاملىق تەلەيلىك بولۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

11.png

بۇ ھەرىكەتچان نومۇر رەسىمىگە قارىتا، شياۋ جاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بۇ ھەرىكەتچان نومۇر سۈرىتى بولسا لاتارىيەچىلەر ئۆزلۈكىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان بىر خىل نومۇر تاللاش ئۇسۇلى، ئاساسلىقى نومۇر تاللاش قىزىقارلىق، مەنمۇ قىزىقارلىق ھېس قىلىپ ئويناپ باقتىم، ئويناپ بولغۇچە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم. لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش ئەسلىدىنلا كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش، مەيلى قايسى خىل ئۇسۇل بولسۇن، خۇشال بولساقلا بولدى!»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)

12.png

分享到: