新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى نۇرمەمەت 52000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-28 13:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، 3D ئويۇنى 2021093 ـ قارار يىلپىز نۇمۇر «333» بولدى، بۇ يىلپىز نۇمۇرغا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى نۇرمەمەتنى نۇرغۇن خۇشاللىققا ئېرىشتۈردى.

ھەر كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ 3D ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش نۇرمەمەتنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئادىتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر كۈنى بىر نەچچە دو 3D نومۇرى سېتىۋالسا، كاللا ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق كۈچ قوشالايدىكەن، تەلەي كەلسە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، تۇرمۇشقا نۇرغۇن خۇشاللىق بېغىشلىغىلى بۇلىدىكەن. كۆپ يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، نۇرمەمەت 3D ئويۇنى ئوينىغاندا ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارىدى: بىرىنچى، نومۇر تاللىغاندا كۆپرەك كۆزىتىپ، ئىجتىھات بىلەن ئويلىنىش؛ ئىككىنچى، چىڭ تۇرۇش كېرەك، بىر تەلەي نومۇرىنى بېكىتكەندە چوقۇم داۋاملىق سېتىۋېلىش كېرەك، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەسلىك كېرەك.

بىر ئاي ئىلگىرى، نۇرمەمەت خېجىڭ ناھىيەسىدىكى 65282701 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، لاتارىيەچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ لاتارىيە ھەققىدە تەھلىل قىلىۋاتقاندا، ئۇ يېقىندىن بۇيان يىلپىز نومۇرىنىڭ ئېچىلمىغىلى خېلى ئۇزاق بولغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ كۆپ يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، يەنە 3D نومۇرنىڭ يېقىنقى يۈزلىنىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى يىلپىز نومۇرى چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ دەپ قاراپ، «333» نى دو تىكىش نىشانى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە ھەر نەچچە كۈندە بىر دو تىكىش ھەسسىلىكىنى كۆپەيتتى. 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىگىچە، نۇرمەمەت يىلپىز نۇمۇرى «333»   غا ئۇدا بىر ئاي دو تىكتى، شۇ كۈنى ۋەزىيەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن «333» گە 50 ھەسسە دو تىكتى. بېلەت چىققاندىن كېيىن ئۇ يەنە لاتارىيەچىلەرگە چاقچاق قىلدى :«ئەگەر مۇكاپات چىقىپ قالسا كۆپچىلىكنى تاماققا تەكلىپ قىلىمەن!»-دېدى، ئويلىمىغان يەردىن، شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇننىڭ مۇكاپات نومۇرى ھەقىقەتەن « 333» بولدى.

نۇرمەمەت 52 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى ئالغاندا، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، لېكىن بۇ قېتىم ئازراق ئەپسۇسلاندىم، ئەسلىدە 100 ھەسسە دو تىكمەكچى ئىدىم، دو تىككەندە يەنە خەۋپ ـ خەتەرنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزگەرتتىم، بولمىسا كۆپچىلىكنى دەرىجىدىن تاشقىرى كاتتا تاماققا تەكلىپ قىلغان بۇلاتتىم!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سۇڭ شۈەنلىن)

13.png

分享到: