新闻详情

بۇ ھەقىقەتەن «مۇكاپات چىقىدىغان ياخشى جاي» ئىكەن!

发表时间:2021-04-28 16:04作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4- ئاينىڭ 16- كۈنى، « شىنجاڭ جىلۋىسى» 18 دىن 7 نى تاللاش ئويۇنى 2021029-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى 65452342 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى «دەن 5 تو 4» تىن ئىبارەت دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەلەيلىك ھالدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە قوشۇمچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىر قانچە كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 18315 يۈەن بولدى. يېقىندا، ۋاڭ ئەپەندى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ كەتتى.

14.png

ۋاڭ ئەپەندى خىزمەتچى خادىملارغا ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا خېلى يىللار بولغانلىقىنى، « شىنجاڭ جىلۋىسى» يۈرۈشلۈك ئويۇنىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، چۈنكى بۇ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. لاتارىيە سېتىۋېلىش تەجرىبىسى تىلغا ئېلىنغاندا، ۋاڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«مەن دەن تو ئۇسۇلىدا دو تىكىشنى ياخشى كۆرىمەن، دەن تو ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ لاتارىيە سېتىۋالغاندا بىر قېتىمدا كۆپ نومۇرنى تاللىغىلى بولىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ»-دېدى، 4- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتە، ۋاڭ ئەپەندى 65452342 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، بىر ئازدىن كېيىن «18 دىن 7 نى تاللاش» ئويۇنى يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بەش دانە دەنما ۋە تۆت دانە تومانى تاللىدى،دو تىكىش سوممىسى 12 يۈەن بولدى. ئويلىمىغان يەردىن ئامەت راستتىنلا يېتىپ كەلدى، ۋاڭ ئەپەندى شۇ قارارلىق «18 دىن 7 نى تاللاش» ئۇيۇنى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە بىر قانچە كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 18315 يۈەن بولدى. ۋاڭ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا تەلىيىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاتارىيەچىلەر يەنە خۇشال ھالدا ۋاڭ ئەپەندىنىڭ «18 دىن 7 نى تاللاش» چوڭ مۇكاپاتى ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقاندا، 65452342 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا يەنە بىر دو «شادلىق 8» ئويۇنى 10 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىقتى. 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، لاتارىيەچى لى ئەپەندى ئۆزى تەتقىق قىلغان نومۇر بىلەن ساتقۇچى تەۋسىيە قىلغان نومۇرنى بىرلەشتۈرۈپ، « 03، 09، 34، 43، 44» نى تاللاپ، « بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە ئون ھەسسە يەككە ھالدا دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى!

قارىغاندا 65452342 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ھەقىقەتەن «مۇكاپات چىقىدىغان ياخشى جاي» ئىكەن!

(سانجى يۈەنرۇنزې)

分享到: