新闻详情

بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى ئۇنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

发表时间:2021-04-28 18:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يېقىندا ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك بازىرى قىزىپ كەتتى، كەچتە سىرتقا چىقىپ كەچلىك بازارنى ئايلىنىش مودا بولۇپ قالدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىدىمۇ كەچ كىرىشى بىلەنلا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، خۇشاللىنارلىقى شۇكى، ئۈرۈمچىدىكى ۋاڭ ئەپەندى كەچتە كەچلىك بازارنى ئايلانغاندىن كېيىن لاتارىيە سېتىۋېلىپ، خۇشاللىق ئىچىدە 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ۋاڭ ئەپەندى باشقا جايدىن كەلگەن ئىشلەمچى بۇلۇپ، باداۋاندا ئىجارە ئالغان ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا بىر كەچلىك بازار بار بولۇپ، كەچ كىرىشى بىلەنلا ئادەملەر مىغ ـ مىغ بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كېتەتتى. ۋاڭ ئەپەندى قاينام ـ تاشقىنلىققا ئامراق ئادەم، قەيەر ئاۋات بولسا شۇ يەرگە بارىدۇ، 4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئۇ كەچتە كەچلىك بازارنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ دائىم بارىدىغان 65010731 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ۋاڭ ئەپەندى رەڭگارەڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ، قىممىتى بەش يۈەنلىك «نۇقتا توپ جېڭى» گە مەپتۇن بولۇپ قالدى، ئۇ كۆڭلىدە:«چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشسەم نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى»-دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى پارچىسىدىن ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچى پارچىسىدىن بەش يۈەن مۇكاپات چىقتى، چوڭ مۇكاپات ئىزچىل پەيدا بولمىدى،   ئەڭ ئاخىرقى ئىككى پارچە لاتارىيە بېلىتى قالدى، ئۇ داۋاملىق قىرىشقا باشلىدى، ئەسلىدە سەل چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ۋاڭ ئەپەندىنىڭ كۆزى تۇيۇقسىز يوغان ئېچىپ قالدى، پەس ئاۋازدا مال ساتقۇچىدىن سورىدى: ـــ «قارا، ماڭا چوڭ مۇكاپات چىقىپ قالدىمۇ قانداق؟»-دېدى، مال ساتقۇچى خادىمنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ « مەن پەرەز قىلغان توپ سانى» 0 بولۇپ، « مۇسابىقە نەتىجىسى» 0 گە ماس كېلىدىكەن، «مۇسابىقە نەتىجىسى» دىكى 0 نىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسى 200000 يۈەن ئىكەن.

ئەتىسى سەھەردە، ۋاڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ ھەقىقەتەن بىر شېرىن چۈشكە ئوخشايدۇ، ھازىرغىچە مەن ئۆزۈمنى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، مېنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پىلانىم مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى، بۇ ھەپتىدە ۋاقىت چىقىرىپ ماشىنىنى كۆرگىلى بارىمەن، ئويلىمىغان يەردىن بىر پارچە "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئارزۇيۇمنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم قىلدى!» -دېدى.

(رۇلېي)

15.png

分享到: