新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋياڭ 5421042 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-29 14:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرى 65420147 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، لاتارىيەچى شياۋياڭ 1 دو قوش رەڭلىك توپ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى! بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئۇدا تۆت دو قوش رەڭلىك توپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى چىقتى! ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن سىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان مۆجىزىنى يارىتالايسىز!

شياۋ ياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆزى قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېىتۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا ئون يىل بولغان پېشقەدەم لاتارىيەچى ئىكەن، گەرچە قەرەللىك سېتىۋالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئېسىگە كەلسىلا بىر نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېقىندا ئۇدا ئۈچ دو قوش رەڭلىك ئۇيۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققانلىقىنى ئاڭلىغان شياۋ ياڭمۇ ئۆزىگە كاتتا مۇكاپات چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى. 4-ئاينىڭ 17- كۈنى، شياۋ ياڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يەپ بولۇپ، بىللە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلدى، قوش رەڭلىك توپ يۈزلىنىشىنى كۆزىتىپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان نۇمۇرلارنى تاللاپ 1 دو 6+3 قايتىلانما نۇمۇر بىرىكتۈرۈپ دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا:« ئاڭلىسام 65420147پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپتۇ!»-دېدى، شياۋياڭ چاقچاق قىلىپ:«بۇنىمۇ دېيىش كېتەمدۇ! ئۇ ئامەتلىك ئادەم مەن!!»-دېدى، ئىككىنچى كۈنى، شياۋياڭ يەنە 65420147 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كىرىپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ چاقچىقى ئەمەلىيەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدى، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. شياۋ ياڭ دەرھال بۇ خۇش خەۋەرنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتتى. 4 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، شياۋ ياڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«ئائىلىمىزدىكىلەر دەسلەپتىلا بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەن، تەلىيىڭ قانداقسىگە بۇنچە ياخشى بولسۇن دەپ تۇرۋالغان، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاندىن بۇ مۇكاپاتنىڭ راستلىقىغا ئىشەندى»-دېدى.

شياۋياڭ مۇنداق دېدى: « ھەر قېتىم قوش رەڭلىك توپ چوڭ مۇكاپاتى چىققاندا، مەن ماڭا چىققان بولسا دەپ ئويلاپ باقاتتىم، ئەگەر ئۆزۈم چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسام، بۇ بايلىقنى قانداق ئىشلىتەتتىم دېگەنلەر ئويلاتتىم، لېكىن بۇ مۇكاپات راستتىنلا يېتىپ كەلگەندە قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىم، بۇ قېتىم جەمئىي 5421042 يۈەن مۇكاپات چىقتى، مەن چوقۇم تۇرمۇشۇمنى ياخشى پىلانلايمەن، چوڭ مۇكاپاتنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ.»-دېدى.

(چۆچەك-خۇاڭ خاۋ)

1.png

分享到: